Skip to content
البَقَرَة /

ئايەت ٢٥٨

٢ : ٢٥٨

ئايەت ٢٥٨ of البَقَرَة (٢ : ٢٥٨). This page carries the verse in the Uthmani script with a translation of its meaning, at a stable URL that can be cited on its own.

البَقَرَة ئايەتلەر ٢٨٦
سۈرە · البَقَرَة
الترجمة الأويغورية - محمد صالح
٢ : ٢٥٨

أَلَمۡ تَرَ إِلَى ٱلَّذِي حَآجَّ إِبۡرَٰهِـۧمَ فِي رَبِّهِۦٓ أَنۡ ءَاتَىٰهُ ٱللَّهُ ٱلۡمُلۡكَ إِذۡ قَالَ إِبۡرَٰهِـۧمُ رَبِّيَ ٱلَّذِي يُحۡيِۦ وَيُمِيتُ قَالَ أَنَا۠ أُحۡيِۦ وَأُمِيتُۖ قَالَ إِبۡرَٰهِـۧمُ فَإِنَّ ٱللَّهَ يَأۡتِي بِٱلشَّمۡسِ مِنَ ٱلۡمَشۡرِقِ فَأۡتِ بِهَا مِنَ ٱلۡمَغۡرِبِ فَبُهِتَ ٱلَّذِي كَفَرَۗ وَٱللَّهُ لَا يَهۡدِي ٱلۡقَوۡمَ ٱلظَّٰلِمِينَ

پەرۋەردىگارى توغرىسىدا ئىبراھىم بىلەن مۇنازىرىلەشكەن، ئاللاھنىڭ ئاتا قىلغان پادىشاھلىقى ئۇنى ئىبراھىم بىلەن مۇنازىرىلىشىشكە ئېلىپ كەلگەن ئادەم (يەنى نەمرۇد) نى كۆرمىدىڭمۇ؟ ئەينى زاماندا ئىبراھىم (ئاللاھنىڭ بارلىقىغا دەلىل كۆرسىتىپ): «مېنىڭ پەرۋەردىگارىم (ئۆلۈكنى) تىرىلدۈرەلەيدۇ، (تىرىكنى) ئۆلتۈرەلەيدۇ» دېدى. ئۇ: «مەنمۇ (ئۆلۈكنى) تىرىلدۈرەلەيمەن، (تىرىكنى) ئۆلتۈرەلەيمەن» دېدى (نەمرۇد ئۆلۈمگە ھۆكۈم قىلىنغان ئىككى ئادەمنى چاقىرتىپ كېلىپ، بىرىنى ئۆلتۈردى، يەنە بىرىنى قويۇپ بەردى). ئىبراھىم (نەمرۇدنىڭ بۇنداق ھاماقەتلىكىنى كۆرۈپ): «ئاللاھ ھەقىقەتەن كۈننى شەرقتىن چىقىرالايدۇ، (خۇدالىق دەۋاسى قىلىدىغان بولساڭ) سەن ئۇنى غەربتىن چىقىرىپ باققىن» دېدى. (بۇنداق پاكىت ئالدىدا) كاپىر ئېغىز ئاچالماي قالدى. ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ(258).