Skip to content

«سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ تاھارىتى بۇزۇلسا تاھارەت ئالمىغۇچە ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ نامىزىنى قوبۇل قىلمايدۇ».

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

«سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ تاھارىتى بۇزۇلسا تاھارەت ئالمىغۇچە ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ نامىزىنى قوبۇل قىلمايدۇ».

«لَا يَقْبَلُ اللهُ صَلَاةَ أَحَدِكُمْ إِذَا أَحْدَثَ حَتَّى يَتَوَضَّأَ».

بىرلىككە كەلگەن
حديث صحيح
شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نامازنىڭ سەھىھ بولىشىنىڭ شەرتى تاھارەت ئىكەنلىكىنى، ناماز ئادا قىلماقچى بولغان كىشىنىڭ چوڭ-كېچىك تاھارەت، ئۇيقۇ ياكى يەل چىقىش قاتارلىق ئىشلار بىلەن تاھارىتى بۇزۇلغان بولسا تاھارەت ئېلىشىنىڭ ۋاجىپلىقىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.

سۆزلەرنىڭ مەناسى

لا يقبَل: لا يعتبر ولا يعتد.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

مۇسۇلمان كىشى جۇنۇپ بولسا يۇيۇنمىغۇچە، تاھارەتسىز بولسا تاھارەت ئالمىغۇچە ئوقۇغان نامىزى قوبۇل بولمايدۇ.

تاھارەت ئېلىش بولسا؛ ئېغىزىنى چايقاپ سۇنى چېقىرىپ، بۇرنىغا سۇ ئېلىپ تازىلاپ ئۇنى چىقىرىدۇ، يۈزىنى ئۈچ قېتىم يۇيىدۇ، ئىككى قولىنى ئىككى جەينىكى بىلەن قېتىپ ئۈچ قېتىم يۇيىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن بېشىغا بىر قېتىم مەسىھ قىلىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئىككى پۇتىنى ھوشۇقى بىلەن قېتىپ ئۈچ قېتىم يۇيىدۇ.

مەنبەلەر
تېخىمۇ كۆپ (6)

سەھى بۇخارى (9/ 23) (6954).

سەھى مۇسلىم (1/ 204) (225).

تيسير العلام شرح عمدة الأحكام.

للبسام (ص17).

تنبيه الأفهام شرح عمدة الأحكام.

لابن عثيمين (1/ 11).