Skip to content

«مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماندىكى ھەققى بەشتۇر، سالامغا جاۋاپ بېرىش، كېسەل بولسا يوقلاش، جىنازىسىغا ئەگىشىش، چاقىرىققا ئىجابەت قىلىش ۋە چۈشكۈرۈپ ئەلھەمدۇ لىللاھ دېسە ئۇنىڭغا يەرھەمكەللاھ دەپ جاۋاپ بېرىش».

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم:

«مۇسۇلماننىڭ مۇسۇلماندىكى ھەققى بەشتۇر، سالامغا جاۋاپ بېرىش، كېسەل بولسا يوقلاش، جىنازىسىغا ئەگىشىش، چاقىرىققا ئىجابەت قىلىش ۋە چۈشكۈرۈپ ئەلھەمدۇ لىللاھ دېسە ئۇنىڭغا يەرھەمكەللاھ دەپ جاۋاپ بېرىش».

«حَقُّ الْمُسْلِمِ عَلَى الْمُسْلِمِ خَمْسٌ: رَدُّ السَّلَامِ، وَعِيَادَةُ الْمَرِيضِ، وَاتِّبَاعُ الْجَنَائِزِ، وَإِجَابَةُ الدَّعْوَةِ، وَتَشْمِيتُ الْعَاطِسِ».

بىرلىككە كەلگەن
حديث صحيح
شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلماننىڭ ئۆزىنىڭ مۇسۇلمان قېرىندىشىغا قارىتا ئادا قىلىشقا تېگىشلىك بولغان ھەق-ھوقۇقلىرىنى بايان قىلىپ بەردى. بۇ ھەق-ھوقۇقلارنىڭ ئەۋۋىلى: ئۇچراشقاندا سىزگە سالام قىلغان كىشىنىڭ سالامىغا جاۋاپ قايتۇرۇش. ئىككىنچىسى: كېسەل بولۇپ قالسا، كېسىلىنى يوقلاش ۋە زىيارەت قىلىش. ئۈچىنچىسى: ۋاپات بولۇپ كەتسە، ئۆيىسىدىن باشلاپ جىنازە نامىزى ئادا قىلىدىغان ئورۇنغىچە ۋە ئۇ يەردىن قەبرىستانلىققىچە جىنازىگە ئەگىشىپ ھەتتا دەپنە قىلىپ بولغىچە بىرگە تۇرۇش. تۆتىنچىسى: توي، ئەقىقە دېگەندەك زىياپەتلەرگە چاقىرىلسا، چاقىرىققا ئىجابەت قىلىپ بېرىش. بەشىنچىسى: بىر كىشى چۈشكۈرۈپ ئەلھەمدۇ لىللاھ دېسە ئۇنىڭغا يەرھەمكەللاھ دەپ جاۋاپ بېرىش. ئۇنىڭدىن كېيىن چۈشكۈرگۈچى: ئاللاھ سىزنى ھىدايەت قىلسۇن ۋە ئىشلىرىڭىزنى ياخشى قىلسۇن دەپ جاۋاپ بېرىش.

سۆزلەرنىڭ مەناسى

...:

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

ئىسلام ، مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى ھەق-ھوقۇقلارنى تەكىتلەش ۋە قېرىنداشلىقنى كۈچەيتىش، ئۇلار ئارىسىدىكى مۇھەببەتنى كۈچلاندۇرۇشنى تەقەززا قىلىدۇ.

مەنبەلەر
تېخىمۇ كۆپ (12)

سەھى بۇخارى (2/ 71) (1240).

سەھى مۇسلىم (4/ 1704) (2162).

كنوز رياض الصالحين.

لمجموعة من الباحثين (4/ 512).

بهجة الناظرين شرح رياض الصالحين.

لسليم الهلالي (1/ 327).

نزهة المتقين شرح رياض الصالحين.

مجموعة من الباحثين (1/ 253).

شرح رياض الصالحين.

لابن عثيمين (2/ 591).

بهجة قلوب الأبرار.

لابن سعدي (ص81).