Skip to content

كىمكى ئاللاھنىڭ كىتابىدىن بىر ھەرپ ئوقۇسا ئۇنىڭغا بىر ياخشىلىق بولىدۇ، بىر ياخشىلىق ئون ھەسسىگە كۆپەيتىلىدۇ

ئابدۇللاھ بىن مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم:

كىمكى ئاللاھنىڭ كىتابىدىن بىر ھەرپ ئوقۇسا ئۇنىڭغا بىر ياخشىلىق بولىدۇ، بىر ياخشىلىق ئون ھەسسىگە كۆپەيتىلىدۇ، ‹ئەلىف، لام، مىم› بىر ھەرپ دېمەيمەن. لېكىن ئەلىف بىر ھەرپ، لام بىر ھەرپ، مىم بىر ھەرپتۇر

«مَنْ قَرَأَ حَرْفًا مِنْ كِتَابِ اللهِ فَلَهُ بِهِ حَسَنَةٌ، وَالْحَسَنَةُ بِعَشْرِ أَمْثَالِهَا، لَا أَقُولُ {الم} حَرْفٌ، وَلَكِنْ {أَلِفٌ} حَرْفٌ، وَ{لَامٌ} حَرْفٌ، وَ{مِيمٌ} حَرْفٌ».

تىرمىزى رىۋايىتى
حديث حسن
شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان ئاللاھنىڭ كىتابىدىن بىر ھەرىپ ئوقۇسا ئۇ كىشىگە ئۇنىڭ بەدىلىگە بىر ياخشىلىق بولىدىغانلىقى، ئۇ ياخشىلىق ئون ھەسسە ياكى ئۇنىڭدىنمۇ كۆپ زىيادە بولىدىغانلىقىنى خەۋەر بەردى. ئۇنىڭدىن كېيىن: «‹ئەلىف، لام، مىم› بىر ھەرپ دېمەيمەن. لېكىن ئەلىف بىر ھەرپ، لام بىر ھەرپ، مىم بىر ھەرپتۇر»دېگەن سۆزنى بايان قىلىپ بۇ ئۈچ ھەرپنىڭ ساۋابىنىڭ ئوتتۇز ياخشىلىق بولىدىغانلىقىنى بايان قىلدى.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

قۇرئان تىلاۋېتىنى كۆپ قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش.

ھەر بىر ھەرپنى ئوقۇغان كىشى ئۈچۈن بىر ياخشىلىق بولىدىغانلىقى ياخشىلىق ئۆزىنىڭ ئون باراۋېرىگىچە زىيادە بولىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.

ئاللاھ تائالانىڭ رەھمىتىنىڭ كەڭرى ئىكەنلىكى ۋە سېخىلىقىدىن ئۆزىنىڭ پەزلى-كەرەمى بىلەن بەندىلىرىگە ئەجرى ساۋاپنى زىيادە قىلىپ بېرىدۇ.

قۇرئان كەرىمنىڭ باشقا سۆزلەردىن بولغان پەزلى، ئۇنى تىلاۋەت قىلىشنىڭ ئىبادەت ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ، چۈنكى بۇ ئاللاھنىڭ كالامىدۇر.

مەنبەلەر
تېخىمۇ كۆپ (9)

سۈنەن تىرمىزى (5/ 33) (2910).

بهجة الناظرين شرح رياض الصالحين.

لسليم الهلالي (2/ 229).

سلسلة الأحاديث الصحيحة.

للألباني (7/ 970).

شرح رياض الصالحين.

لابن عثيمين (4/ 655).

نزهة المتقين شرح رياض الصالحين.

لمصطفى الخِن وغيره (1/ 742).