Skip to content
سۈرىلەر تىزىملىكى /

التغَابُن

التغَابُن is chapter ٦٤ of the Quran and has ١٨ verses. This page presents it in full in the Uthmani script, with a verse-by-verse translation of its meaning.

18 ئايەتلەر سۈرە نومۇرى ٦٤
ئايەتكە بېرىش
الترجمة الأويغورية - محمد صالح
بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

يُسَبِّحُ لِلَّهِ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَمَا فِي ٱلۡأَرۡضِۖ لَهُ ٱلۡمُلۡكُ وَلَهُ ٱلۡحَمۡدُۖ وَهُوَ عَلَىٰ كُلِّ شَيۡءٖ قَدِيرٌ

ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەر ئاللاھقا تەسبىھ ئېيتىدۇ، پادىشاھلىق ئاللاھقا مەنسۇپتۇر، جىمى ھەمدۇسانا ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھ ھەر نەرسىگە قادىردۇر(1).

هُوَ ٱلَّذِي خَلَقَكُمۡ فَمِنكُمۡ كَافِرٞ وَمِنكُم مُّؤۡمِنٞۚ وَٱللَّهُ بِمَا تَعۡمَلُونَ بَصِيرٌ

ئاللاھ سىلەرنى خەلق ئەتتى، ئاراڭلاردا مۆمىنلەرمۇ بار، كاپىرلارمۇ بار، ئاللاھ سىلەرنىڭ قىلىۋاتقان ئىشىڭلارنى كۆرۈپ تۇرغۇچىدۇر(2).

خَلَقَ ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضَ بِٱلۡحَقِّ وَصَوَّرَكُمۡ فَأَحۡسَنَ صُوَرَكُمۡۖ وَإِلَيۡهِ ٱلۡمَصِيرُ

ئاللاھ ئاسمانلارنى ۋە زېمىننى ھەق ياراتتى، سىلەرنى سۈرەتكە كىرگۈزدى، سۈرىتىڭلارنى چىرايلىق قىلدى، ئاخىر قايتىدىغان جاي ئۇنىڭ دەرگاھىدۇر(3).

يَعۡلَمُ مَا فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ وَيَعۡلَمُ مَا تُسِرُّونَ وَمَا تُعۡلِنُونَۚ وَٱللَّهُ عَلِيمُۢ بِذَاتِ ٱلصُّدُورِ

ئاللاھ ئاسمانلاردىكى ۋە زېمىندىكى نەرسىلەرنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ (نىيەتلىرىڭلاردىن، ئەمەللىرىڭلاردىن) يوشۇرغانلىرىڭلارنى ۋە ئاشكارىلىغانلىرىڭلارنى بىلىپ تۇرىدۇ، ئاللاھ دىللاردىكى سىرلارنى بىلگۈچىدۇر(4).

أَلَمۡ يَأۡتِكُمۡ نَبَؤُاْ ٱلَّذِينَ كَفَرُواْ مِن قَبۡلُ فَذَاقُواْ وَبَالَ أَمۡرِهِمۡ وَلَهُمۡ عَذَابٌ أَلِيمٞ

سىلەرگە ئىلگىرى كاپىر بولۇپ ئەمەللىرىنىڭ ۋابالىنى تېتىغانلارنىڭ خەۋىرى كەلمىدىمۇ؟ ئۇلار (ئاخىرەتتە) قاتتىق ئازابقا دۇچار بولىدۇ(5).