Skip to content
سۈرىلەر تىزىملىكى /

الطَّلَاق

الطَّلَاق is chapter ٦٥ of the Quran and has ١٢ verses. This page presents it in full in the Uthmani script, with a verse-by-verse translation of its meaning.

12 ئايەتلەر سۈرە نومۇرى ٦٥
ئايەتكە بېرىش
الترجمة الأويغورية - محمد صالح
بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

يَٰٓأَيُّهَا ٱلنَّبِيُّ إِذَا طَلَّقۡتُمُ ٱلنِّسَآءَ فَطَلِّقُوهُنَّ لِعِدَّتِهِنَّ وَأَحۡصُواْ ٱلۡعِدَّةَۖ وَٱتَّقُواْ ٱللَّهَ رَبَّكُمۡۖ لَا تُخۡرِجُوهُنَّ مِنۢ بُيُوتِهِنَّ وَلَا يَخۡرُجۡنَ إِلَّآ أَن يَأۡتِينَ بِفَٰحِشَةٖ مُّبَيِّنَةٖۚ وَتِلۡكَ حُدُودُ ٱللَّهِۚ وَمَن يَتَعَدَّ حُدُودَ ٱللَّهِ فَقَدۡ ظَلَمَ نَفۡسَهُۥۚ لَا تَدۡرِي لَعَلَّ ٱللَّهَ يُحۡدِثُ بَعۡدَ ذَٰلِكَ أَمۡرٗا

ئى پەيغەمبەر! (ئۈممىتىڭگە ئېيتقىنكى) سىلەر ئاياللارنى تالاق قىلساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىددىتىگە (لايىق پەيتتە يەنى پاكلىق ھالىتىدە) تالاق قىلىڭلار. ئىددەتنى ساناڭلار، پەرۋەردىگارىڭلاردىن قورقۇڭلار، (ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشمىغىچە) ئۇلارنى ئۆيلىرىدىن چىقىرىۋەتمەڭلار، ئۇلارمۇ (ئۆيىدىن) چىقمىسۇن، ئۇلار پەقەت ئوچۇق پاھىشە قىلسىلا ئاندىن (ھەدنى ئىجرا قىلىش ئۈچۈن) چىقىدۇ، ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ قانۇنىدۇر، كىمكى ئاللاھنىڭ قانۇنىدىن ھالقىپ كېتىدىكەن، ئۇ ئۆزىگە زۇلۇم قىلغان بولىدۇ، سەن بىلمەيسەنكى، ئاللاھ شۇنىڭدىن كېيىن (يەنى تالاقتىن كېيىن) بىرەر ئىشنى مەيدانغا كەلتۈرۈشى مۇمكىن(1).

فَإِذَا بَلَغۡنَ أَجَلَهُنَّ فَأَمۡسِكُوهُنَّ بِمَعۡرُوفٍ أَوۡ فَارِقُوهُنَّ بِمَعۡرُوفٖ وَأَشۡهِدُواْ ذَوَيۡ عَدۡلٖ مِّنكُمۡ وَأَقِيمُواْ ٱلشَّهَٰدَةَ لِلَّهِۚ ذَٰلِكُمۡ يُوعَظُ بِهِۦ مَن كَانَ يُؤۡمِنُ بِٱللَّهِ وَٱلۡيَوۡمِ ٱلۡأٓخِرِۚ وَمَن يَتَّقِ ٱللَّهَ يَجۡعَل لَّهُۥ مَخۡرَجٗا

ئۇلارنىڭ ئىددىتى توشقان چاغدا، ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە يېنىشىڭلار ياكى ئۇلار بىلەن چىرايلىقچە ئۈزلىشىپ كېتىڭلار. (يېنىشقان، ئاجراشقان چېغىڭلاردا) ئاراڭلاردىن ئىككى ئادىل گۇۋاھچىنى گۇۋاھ قىلىڭلار. خۇدالىق ئۈچۈن (توغرا) گۇۋاھ بولۇڭلار. بۇنىڭ بىلەن (يەنى بۇ ھۆكۈم بىلەن) ئاللاھقا ۋە ئاخىرەت كۈنىگە ئىمان ئېيتقان كىشىگە ۋەز ـ نەسىھەت قىلىنىدۇ. كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭغا چىقىش يولى بېرىدۇ(2).

وَيَرۡزُقۡهُ مِنۡ حَيۡثُ لَا يَحۡتَسِبُۚ وَمَن يَتَوَكَّلۡ عَلَى ٱللَّهِ فَهُوَ حَسۡبُهُۥٓۚ إِنَّ ٱللَّهَ بَٰلِغُ أَمۡرِهِۦۚ قَدۡ جَعَلَ ٱللَّهُ لِكُلِّ شَيۡءٖ قَدۡرٗا

ئاللاھ ئۇنىڭغا ئويلىمىغان يەردىن رىزىق بېرىدۇ. كىمكى ئاللاھقا تەۋەككۈل قىلسا، ئاللاھ ئۇنىڭغا كۇپايە قىلىدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن مەقسىتىگە يېتەلەيدۇ. ئاللاھ ھەقىقەتەن ھەر بىر نەرسە ئۈچۈن مۇئەييەن مىقدار، مۇئەييەن ۋاقىت بەلگىلىدى(3).

وَٱلَّٰٓـِٔي يَئِسۡنَ مِنَ ٱلۡمَحِيضِ مِن نِّسَآئِكُمۡ إِنِ ٱرۡتَبۡتُمۡ فَعِدَّتُهُنَّ ثَلَٰثَةُ أَشۡهُرٖ وَٱلَّٰٓـِٔي لَمۡ يَحِضۡنَۚ وَأُوْلَٰتُ ٱلۡأَحۡمَالِ أَجَلُهُنَّ أَن يَضَعۡنَ حَمۡلَهُنَّۚ وَمَن يَتَّقِ ٱللَّهَ يَجۡعَل لَّهُۥ مِنۡ أَمۡرِهِۦ يُسۡرٗا

ئاياللىرىڭلارنىڭ ئىچىدىكى ھەيزدىن ئۈمىدىنى ئۈزگەنلەردىن (يەنى يېشى چوڭ بولغانلىقتىن ھەيز كۆرمەيدىغانلارنىڭ ئىددىتىنىڭ قانچىلىك بولىدىغانلىقىدىن) شۈبھىدە بولساڭلار، ئۇلارنىڭ ئىددىتى ئۈچ ئايدۇر. ھەيز كۆرمىگەنلەرنىڭ ئىددىتى ھەم ئۈچ ئايدۇر. ھامىلىدار ئاياللارنىڭ ئىددىتى (مەيلى ئايرىلىپ كەتكەن بولسۇن، مەيلى ئېرى ئۆلۈپ كەتكەن بولسۇن) يەڭگىش بىلەنلا تۈگەيدۇ. كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ ئىشىنى ئاسانلاشتۇرۇپ بېرىدۇ(4).

ذَٰلِكَ أَمۡرُ ٱللَّهِ أَنزَلَهُۥٓ إِلَيۡكُمۡۚ وَمَن يَتَّقِ ٱللَّهَ يُكَفِّرۡ عَنۡهُ سَيِّـَٔاتِهِۦ وَيُعۡظِمۡ لَهُۥٓ أَجۡرًا

ئەنە شۇ ئاللاھنىڭ سىلەرگە نازىل قىلغان ھۆكمىدۇر. كىمكى ئاللاھتىن قورقىدىكەن، ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى يوققا چىقىرىدۇ، ئۇنىڭغا كاتتا ساۋاب بېرىدۇ(5).