Skip to content
سۈرىلەر تىزىملىكى /

الرَّحمٰن

الرَّحمٰن is chapter ٥٥ of the Quran and has ٧٨ verses. This page presents it in full in the Uthmani script, with a verse-by-verse translation of its meaning.

78 ئايەتلەر سۈرە نومۇرى ٥٥
ئايەتكە بېرىش
الترجمة الأويغورية - محمد صالح
بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

ٱلرَّحۡمَٰنُ

مېھرىبان ئاللاھ(1)

عَلَّمَ ٱلۡقُرۡءَانَ

قۇرئاننى تەلىم بەردى (ئۇنى ھىپزى قىلىشنى ۋە چۈشىنىشنى ئاسانلاشتۇرۇپ بەردى)(2)،

خَلَقَ ٱلۡإِنسَٰنَ

ئىنساننى ياراتتى(3).

عَلَّمَهُ ٱلۡبَيَانَ

ئۇنىڭغا (مەقسىتىنى ئۇقتۇرۇش ئۈچۈن) سۆزلەشنى ئۆگەتتى(4).

ٱلشَّمۡسُ وَٱلۡقَمَرُ بِحُسۡبَانٖ

كۈن بىلەن ئاي (ئۆز بۇرجلىرىدا) مۇئەييەن ھېساب بويىچە سەير قىلىدۇ(5).