«ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ياخشىلىقتا مۇئمىنگە زۇلۇم قىلمايدۇ، دۇنيادا بېرىدۇ، ئاخىرەتتە ئۇنىڭ بىلەن مۇكاپاتلايدۇ
ئەنەس بىن مالىك رەزىيەللاھۇئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ياخشىلىقتا مۇئمىنگە زۇلۇم قىلمايدۇ، دۇنيادا بېرىدۇ، ئاخىرەتتە ئۇنىڭ بىلەن مۇكاپاتلايدۇ، ئەمما كاپىرغا بولسا دۇنيادا قىلغان ياخشى ئىشلىرىغا كۆرە رىزىق بېرىلىدۇ، ئاخىرەتكە بارغاندا كاپىرنىڭ مۇكاپاتلىنىدىغان ياخشىلىقى بولمايدۇ.
«إِنَّ اللهَ لَا يَظْلِمُ مُؤْمِنًا حَسَنَةً، يُعْطَى بِهَا فِي الدُّنْيَا وَيُجْزَى بِهَا فِي الْآخِرَةِ، وَأَمَّا الْكَافِرُ فَيُطْعَمُ بِحَسَنَاتِ مَا عَمِلَ بِهَا لِلَّهِ فِي الدُّنْيَا، حَتَّى إِذَا أَفْضَى إِلَى الْآخِرَةِ، لَمْ تَكُنْ لَهُ حَسَنَةٌ يُجْزَى بِهَا».
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ مۇئمىنلەرگە بولغان ئارتۇقچىلىقىنىڭ بۈيۈك ئىكەنلىكى ۋە كاپىرلار بىلەن بولغان ئادىللىقىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. ئەمما مۇئمىننىڭ قىلغان ياخشىلىقىنىڭ ساۋابى كەمەيتىلمەيدۇ، بەلكى مۇئمىنگە قىلغان تائەت-ئىبادەتلىرىگە كۆرە ئاخىرەتتە مۇكاپاتلىنىدىغان مۇكاپات ساقلىنىش بىلەن بىرگە دۇنيادىمۇ ياخشىلىق بېرىلىدۇ. ئەمما كاپىر بولسا: ئۇنىڭ دۇنيادا قىلغان ياخشىلىقىنىڭ مۇكاپىتى دۇنيادا ياخشىلىق ئاتا قىلىنىش بىلەن بولىدۇ، ئاخىرەتكە بارغاندا ئۇنىڭ دۇنيادا قىلغان ياخشى ئىشىنىڭ مۇكاپاتلىنىدىغان ساۋابى بولمايدۇ، چۈنكى دۇنيا-ئاخىرەتتە پايدىسى بولىدىغان ياخشى ئىشنى قىلغۇچىنىڭ مۇئمىن بولىشى كېرەك بولىدۇ.
...:
كاپىر ھالەتتە ئۆلگەن كىشىگە دۇنيادا قىلغان ياخشى ئىشلىرىنىڭ پايدىسى بولمايدۇ.
تېخىمۇ كۆپ (4)
سەھى مۇسلىم (4/ 2162) (2808).
المفهم لما أشكل من تلخيص كتاب مسلم (1/ 460).
البحر المحيط الثجاج في شرح صحيح الإمام مسلم بن الحجاج (43/ 460).
شرح النووي على مسلم (17/150).