Skip to content

ئەسىر نامىزىنى تەرك قىلغان كىشى ئۆزىنىڭ ئەمىلىنى بىكار قىلىۋەتكەن بولدى».

بۇرەيدە بىن ھۇسەيب رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:

«ئەسىر نامىزىنى دەل ۋاقتىدا ئادا قىلىڭلار، ھەقىقەتەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: ئەسىر نامىزىنى تەرك قىلغان كىشى ئۆزىنىڭ ئەمىلىنى بىكار قىلىۋەتكەن بولدى».

بَكِّرُوا بِصَلَاةِ الْعَصْرِ، فَإِنَّ النَّبِيَّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ قَالَ: «مَنْ تَرَكَ صَلَاةَ الْعَصْرِ فَقَدْ حَبِطَ عَمَلُهُ».

بۇخارى رىۋايىتى
حديث صحيح
شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئەسىر نامىزىنى قەستەن ئۆز ۋاقتىدىن كېچىكتۈرۈپ ئادا قىلىشتىن ئاگاھلاندۇردى ۋە بۇنداق قىلغان كىشىنىڭ قىلغان ئەمىلىنىڭ بىكار بولۇپ كېتىدىغانلىقى ھېچ قانداق ساۋاپقا ئېرىشەلمەيدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

سۆزلەرنىڭ مەناسى

...:

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

ئەسىر نامىزىنى دەل ۋاقتىدا ئادا قىلىش ۋە بۇنىڭغا ئالدىراشقا رىغبەتلەندۈرۈش.

ئەسىر نامىزىنى تەرك قىلغان كىشىنىڭ قاتتىق ئازابقا ئۇچرايدىغانلىقى، بۇ نامازنىڭ ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋېتىشنىڭ جىنايىتى باشقا نامازلارنىڭ ۋاقتىنى ئۆتكۈزىۋەتكەندىن ئېغىر بولىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ. چۈنكى ئەسىر نامىزى بولسا ئاللاھ تائالا قۇرئان كەرىمدە مەخسۇس بۇيرىغان ئوتتۇردىكى نامازدىن ئىبارەتتۇر. بۇ ھەقتە ئاللاھ تائالا مۇنداق دېگەن: ﴿‏حَافِظُواْ عَلَى الصَّلَوَاتِ والصَّلاَةِ الْوُسْطَى﴾‏ تەرجىمىسى: «(بەش) نامازغا بولۇپمۇ نامازدىگەرگە ئەھمىيەت بېرىڭلار (يەنى پۈتۈن شەرتلىرى بىلەن ۋاقتىدا تولۇق ئادا قىلىڭلار).» [سۈرە بەقەرە 238-ئايەت].

مەنبەلەر
تېخىمۇ كۆپ (11)

سەھى بۇخارى (1/ 115) (553).

مۇسنەد ئەھمەد (38/ 152) (23045).

شرح رياض الصالحين.

لابن عثيمين (5/ 56).

نزهة المتقين شرح رياض الصالحين.

لمصطفى الخِن وغيره (2/ 777).

فيض القدير شرح الجامع الصغير (3/ 206).

بهجة الناظرين.

لسليم الهلالي (2/ 260).

تطريز رياض الصالحين.

لفيصل آل مبارك (ص614).