Skip to content

سىلەر رەببىڭلارنى مۇشۇ ئاينى كۆرگەندەك قىيامەت كۈنىدە ئوچوق كۆرىسىلەر، رەببىڭلارنى كۆرۈشتە قىستىلىپ قالمايسىلەر

جەرىر ئىبنى ئابدۇللاھ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:

بىز پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئىدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كېچىدە ئايغا قارىدى يەنى تولۇن ئايقا قاراپ مۇنداق دېدى:«سىلەر رەببىڭلارنى مۇشۇ ئاينى كۆرگەندەك قىيامەت كۈنىدە ئوچوق كۆرىسىلەر، رەببىڭلارنى كۆرۈشتە قىستىلىپ قالمايسىلەر، ئەگەر ئىمكانىيتىڭلار بولسا بامدات نامىزى بىلەن ئەسىر نامىزىنى ئۆز ۋاقتىدا جامائەت بىلەن ئادا قىلىشقا تېرىشىڭلار» ئۇنىڭدىن كېيىن مۇنۇ ئايەتنى ئوقۇدى:«وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ قَبْلَ طُلُوعِ الشَّمْسِ وَقَبْلَ الْغُرُوبِ»تەرجىمىسى:«ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋرى قىلغىن، مەمنۇن بولۇشۇڭ ئۈچۈن، كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى، كۈن پېتىشتىن بۇرۇن، كېچە ۋاقىتلىرىدا ۋە كۈندۈزنىڭ دەسلەپكى ۋە ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا پەرۋەردىگارىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن (يەنى ناماز ئوقۇغىن) ۋە ھەمدە ئېيتقىن» [سۈرە تاھا 130-ئايەت].

كُنَّا عِنْدَ النَّبِيِّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ، فَنَظَرَ إِلَى الْقَمَرِ لَيْلَةً -يَعْنِي الْبَدْرَ- فَقَالَ: «إِنَّكُمْ سَتَرَوْنَ رَبَّكُمْ كَمَا تَرَوْنَ هَذَا الْقَمَرَ، لَا تُضَامُونَ فِي رُؤْيَتِهِ، فَإِنِ اسْتَطَعْتُمْ أَنْ لَا تُغْلَبُوا عَلَى صَلَاةٍ قَبْلَ طُلُوعِ الشَّمْسِ وَقَبْلَ غُرُوبِهَا فَافْعَلُوا» ثُمَّ قَرَأَ: «{وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ قَبْلَ طُلُوعِ الشَّمْسِ وَقَبْلَ الْغُرُوبِ}»

بىرلىككە كەلگەن
حديث صحيح
شەرھىسى

ساھابىلار بىر كېچىسى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىر يەردە بولغان ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئون تۆت كۈنلۈك تولۇن ئايغا قاراپ مۇنداق دېدى: ھەقىقەتەن مۇئ‍مىنلەر قىيامەت كۈنىدە رەببىنى ھېچ قانداق توسالغۇسىز كۆزى بىلەن كۆرىدۇ، ئۇلار رەببىنى كۆرىدىغاندا قېيىنچىلىق تارتمايدۇ، چارچىمايدۇ، قىستىلىشىپ قالمايدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «سىلەرنى بامدات نامىزى بىلەن ئەسىر نامىزىنى ئۆز ۋاقتىدا جامائەت بىلەن ئادا قىلىشتىن چەكلەپ قويىدىغان سەۋەپلەرنى يوق قىلىشقا قادىر بولالىساڭلار شۇنداق قىلىڭلار، ئۇ ئىككى نامازنى ئۆز ۋاقتىدا جامائەت بىلەن ئادا قىلىڭلار، بۇ ئىش قىيامەتتە ئاللاھ تائالانىڭ جامالىغا قاراشقا سەۋەپ بولىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ئايەتنى تىلاۋەت قىلدى: ‎﴿وَسَبِّحْ بِحَمْدِ رَبِّكَ قَبْلَ طُلُوعِ الشَّمْسِ وَقَبْلَ الْغُرُوبِ‎﴾‏ تەرجىمىسى:«ئۇلارنىڭ سۆزلىرىگە سەۋرى قىلغىن، مەمنۇن بولۇشۇڭ ئۈچۈن، كۈن چىقىشتىن ئىلگىرى، كۈن پېتىشتىن بۇرۇن، كېچە ۋاقىتلىرىدا ۋە كۈندۈزنىڭ دەسلەپكى ۋە ئاخىرقى ۋاقىتلىرىدا پەرۋەردىگارىڭغا تەسبىھ ئېيتقىن (يەنى ناماز ئوقۇغىن) ۋە ھەمدە ئېيتقىن» [سۈرە تاھا 130-ئايەت].

سۆزلەرنىڭ مەناسى

...:

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

ئىمان ئەھلىگە جەننەتتە ئاللاھ تائالانى كۆرىدىغانلىقى توغرىسىدا بىشارەتتۇر

دەۋەتنىڭ ئۇسلۇبلىرىدىن: تەكىتلەش، رىغبەتلەندۈرۈش ۋە مىسال بايان قىلىش قاتارلىقلار

مەنبەلەر

(6/ 139) (4851).

تېخىمۇ كۆپ (14)

سەھى بۇخارى (1/ 115) (554).

سەھى مۇسلىم (1/ 439) (633).

بهجة الناظرين شرح رياض الصالحين.

لسليم الهلالي (2/ 259).

تذكرة المؤتسي شرح عقيدة الحافظ عبد الغني المقدسي.

لعبدالرزاق البدر (ص177).

شرح رياض الصالحين.

لابن عثيمين (6/ 734).

نزهة المتقين شرح رياض الصالحين.

لمصطفى الخِن وغيره (2/ 776).

كنوز رياض الصالحين.

لمجموعة من الباحثين (13/ 271).

تطريز رياض الصالحين.

لفيصل آل مبارك (ص1091).