ئاللاھنىڭ بەندىلەر ئۈستىدىكى ھەققى: ئۇلار ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي ئىبادەت قىلىش، بەندىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئۈستىدىكى ھەققى: ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرمىگەن كىشىنى ئازابلىماسلىقتۇر
مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ:
مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىلەن بىرگە "ئۇفەير" دېيىلىدىغان ئېشەككە مىنگەشتىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئى مۇئاز! ئاللاھنىڭ بەندىلەر ئۈستىدىكى ۋە بەندىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئۈستىدىكى ھەققىنىڭ نېمە ئىكەنلىكىنى بىلەمسەن؟» دېدى، مەن: ئاللاھ ۋە ئاللاھنىڭ رەسۇلى بىلگۈچىدۇر دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھنىڭ بەندىلەر ئۈستىدىكى ھەققى: ئۇلار ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەي ئىبادەت قىلىش، بەندىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئۈستىدىكى ھەققى: ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرمىگەن كىشىنى ئازابلىماسلىقتۇر» دېدى، مەن: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بۇنىڭ بىلەن كىشىلەرگە خۇشخەۋەر بىرەيمۇ؟ دېسەم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇلارغا ھازىر خۇشخەۋەر بەرمىگىن، ئۇلار بۇ سۆزگە تايىنىۋالىدۇ» دېدى.
كُنْتُ رِدْفَ النَّبِيِّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ عَلَى حِمَارٍ يُقَالُ لَهُ عُفَيْرٌ، فَقَالَ: «يَا مُعَاذُ، هَلْ تَدْرِي حَقَّ اللَّهِ عَلَى عِبَادِهِ، وَمَا حَقُّ العِبَادِ عَلَى اللَّهِ؟»، قُلْتُ: اللَّهُ وَرَسُولُهُ أَعْلَمُ، قَالَ: «فَإِنَّ حَقَّ اللَّهِ عَلَى العِبَادِ أَنْ يَعْبُدُوهُ وَلا يُشْرِكُوا بِهِ شَيْئًا، وَحَقَّ العِبَادِ عَلَى اللَّهِ أَنْ لا يُعَذِّبَ مَنْ لا يُشْرِكُ بِهِ شَيْئًا»، فَقُلْتُ: يَا رَسُولَ اللَّهِ أَفَلاَ أُبَشِّرُ بِهِ النَّاسَ؟ قَالَ: «لا تُبَشِّرْهُمْ، فَيَتَّكِلُوا».
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ بەندىلەر ئۈستىدىكى ھەققى ۋە بەندىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئۈستىدىكى ھەققىنى بايان قىلىپ، ئاللاھنىڭ بەندىلەر ئۈستىدىكى ھەققى بولسا: ئۇلارنىڭ يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىك ئىكەنلىكىنى بايان قىلدى. بەندىلەرنىڭ ئاللاھنىڭ ئۈستىدىكى ھەققى بولسا، ئاللاھ تائالا ئۆزىگە شېرىك كەلتۈرمىگەن تەۋھىد ئەھلى بولغان كىشىنى ئازابلىماسلىقتۇر. ئاندىن مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: «ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! كىشىلەرنىڭ خۇرسەن بولىشى ۋە بۇ ئارتۇقچىلىق بىلەن خوشال بولىشى ئۈچۈن ئۇلارغا خۇشخەۋەر بېرەيمۇ؟ دېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەرنىڭ بۇ سۆزگە تايىنىۋېلىشىدىن ئەنسىرەپ مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى ھازىرچە خۇشخەۋەر بېرىشتىن توستى.
...:
ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلەرگە ۋاجىپ قىلغان ھەقلىرىنى بايان قىلىپ بەردى، ئۇ بولسىمۇ: يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىش، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەسلىكتۇر.
ئاللاھ تائالا ئۆزىدىن بولغان پەزىلەت ۋە نېمەت بىلەن ئۆزىگە ۋاجىپ قىلغان بەندىلەرنىڭ ھەققىنى بايان قىلىپ بەردى، ئۇ بولسىمۇ: ئۇلارنى ئازابلىماسلىق ۋە جەننەتكە كېرگۈزىشتىن ئىبارەتتۇر.
بۇ ھەدىستە: ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمىگەن تەۋھىد ئەھلىگە كاتتا بىشارەت بار، ئۇلارنىڭ ئاقىۋېتى جەننەتكە كېرىشتۇر.
مۇئاز رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ئىلىمنى يوشۇرغاننىڭ گۇناھىغا چۈشۈپ قالماسلىق ئۈچۈن بۇ ھەدىسنى ۋاپات بولۇشتىن ئىلگىرى سۆزلەپ بەردى.
بۇ ھەدىستە: بەزى ھەدىسلەرنى بەزى كىشىلەرنىڭ يېنىدا سۆزلىمەسلىككە ئاگاھلاندۇرۇش بار، چۈنكى بۇنىڭ مەنىسىنى بىلمىگەن كىشىلەر: بۇ سۆزنىڭ ئاستىدا ئەمەل يوق ۋە شەرىئەتنىڭ بەلگىلىمىلىرىمۇ يوق دەپ چۈشۈنۈپ قىلىش ئېھتىماللىقى بولىدۇ.
تەۋھىد ئەھلىنىڭ ئاسىيلىرى ئاللاھنىڭ خالىشى ئاستىدا بولىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇلارنى خالىسا ئازاپلايدۇ، خالىسا مەغپىرەت قىلىدۇ، ئاندىن ئۇلارنىڭ بارىدىغان ئورنى جەننەت بولىدۇ.
(1/ 627).
تېخىمۇ كۆپ (7)
سەھى بۇخارى (4/ 29) (2856).
سەھى مۇسلىم (1/ 58) (30).
المحكم لابن سيده (10/26).
المفهم لما أشكل من تلخيص كتاب مسلم (1/ 203).
فتح الباري (11/340.
البحر المحيط الثجاج في شرح صحيح الإمام مسلم بن الحجاج (1/ 623).
عمدة القاري شرح صحيح البخاري (14/ 148).
كىتابلاردا نەقىل قىلىنغان
12 كىتابلارتېخىمۇ كۆپ (12)
- العقيدة الصحيحةدروس العقيدة الصحيحة«فَإِنَّ حَقَّ اللَّهِ عَلَى العِبَادِ: أَنْ يَعْبُدُوهُ وَلَا يُشْرِكُوا بِهِ شَيْئًا، وَحَقَّ العِبَادِ عَلَى اللَّهِ: أَنْ لاَ يُعَذِّبَ مَنْ لَا يُشْرِكُ بِهِ شَيْئًا»
- العقيدة الصحيحة وما يضادها«حق الله على العباد أن يعبدوه ولا يشركوا به شيئا»[2].
- العقيدة الصحيحة وما يضادها«أتدري ما حق الله على العباد وحق العباد على الله؟ فقال معاذ: قلت الله ورسوله أعلم، فقال النبي –صلى الله عليه وسلم- حق الله على العباد أن يعبدوه ولا يشركوا به شيئا، وحق العباد على الله أن لا يعذب من لا يشرك به شيئا»[7] الحديث.
- حراسة التوحيدالعقيدة الصحيحة وما يضادها «حَقُّ اللهِ عَلَى العِبَادِ أَن يَعْبُدُوهُ وَلَا يُشْرِكُوا بِهِ شَيْئًا» [2].
- حراسة التوحيدإقامة البراهين على حكم من استغاث بغير الله«حَقُّ اللهِ عَلَى العِبَادِ أَنْ يَعْبُدُوهُ وَلَا يُشْرِكُوا بِهِ شَيْئًا».
- خذ عقيدتك من الكتاب والسنة الصحيحة«حق العباد على الله أن لا يُعذِّبَ مَن لَا يشركُ به شيئًا»
- كتاب التوحيدكتاب التوحيد للشيخ محمد بن عبد الوهاب" حَقُّ اللهِ عَلَى الْعِبَادِ أَنْ يَعْبُدُوهُ وَلاَ يُشْرِكُوا بِهِ شَيْئًا، وَحَقُّ الْعِبَادِ عَلَى اللهِ أَنْ لاَ يُعَذِّبَ مَنْ لاَ يُشْرِكُ بِهِ شَيْئًا "،
- مجموعة زاد التربية الإسلامية (1)، والسيرة النبوبة (1)، والعقيدة (1)، والفقه (1)التربية الأسلامية 1قال: «فإن حق الله على العباد أن يعبدوه ولا يشركوا به شيئًا، وحق العباد على الله ألا يعذب من لا يشرك به شيئًا»
- مجموعة زاد التربية الإسلامية (1)، والسيرة النبوبة (1)، والعقيدة (1)، والفقه (1)التربية الأسلامية 1«حقُّ اللهِ على العِبادِ أنْ يعْبُدُوهُ ولا يُشْرِكُوا بِهِ شيْئًا...»
- مشروع منهاج زادكزادك 2 طالب نهائي«يَا مُعَاذُ، هَلْ تَدْرِي حَقَّ اللهِ عَلَى عِبَادِهِ؟ وَمَا حَقُّ العِبَادِ عَلَى اللهِ؟». قُلْتُ: اللهُ وَرَسُولُهُ أَعْلَمُ. قَالَ: «فَإِنَّ حَقَّ اللهِ عَلَى العِبَادِ أَنْ يَعْبُدُوهُ وَلاَ يُشْرِكُوا بِهِ شَيْئًا، وَحَقَّ العِبَادِ ع
- نبراس طالب (3)نبراس طالب 3«يَا مُعَاذُ، هَلْ تَدْرِي حَقَّ اللهِ عَلَى عِبَادِهِ، وَمَا حَقُّ العِبَادِ عَلَى اللهِ؟»، قُلْتُ: اللهُ وَرَسُولُهُ أَعْلَمُ، قَالَ: «فَإِنَّ حَقَّ اللهِ عَلَى العِبَادِ أَنْ يَعْبُدُوهُ وَلاَ يُشْرِكُوا بِهِ شَيْئًا، وَحَقَّ العِبَادِ ع
- نبراس طالب (3)نبراس طالب 3«فَإِنَّ حَقَّ اللهِ عَلَى العِبَادِ أَنْ يَعْبُدُوهُ وَلاَ يُشْرِكُوا بِهِ شَيْئًا»