Skip to content

«ھەرقانداق نەرسىدە مۇلايىملىق بولىدىكەن ئۇ چىرايلىق بولىدۇ، ھەرقانداق نەرسىدە مۇلايىملىق بولمايدىكەن ئۇ قەبىھتۇر».

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئايالى ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھادىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

«ھەرقانداق نەرسىدە مۇلايىملىق بولىدىكەن ئۇ چىرايلىق بولىدۇ، ھەرقانداق نەرسىدە مۇلايىملىق بولمايدىكەن ئۇ قەبىھتۇر».

«إِنَّ الرِّفْقَ لَا يَكُونُ فِي شَيْءٍ إِلَّا زَانَهُ، وَلَا يُنْزَعُ مِنْ شَيْءٍ إِلَّا شَانَهُ».

مۇسلىم رىۋايىتى
حديث صحيح
شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام سۆز-ھەرىكەتلەردە مۇلايىملىق، سېلىقلىق، تەمكىنلىك بولسا، بۇ ئىش ناھايتى مۇكەممەل، گۈزەل ۋە چېرايلىق بولىدىغانلىقى، بۇ ئىشنىڭ ئىگىسىنىڭ ئۆز ھاجىتىنى ئادا قىلىشقا لايىق ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بەردى. مۇلايىملىق ۋە سېلىقلىق بولمىغان ئىشلارنىڭ ئەيىپلىك، كۆرۈمسىز بولىدىغانلىقى، بۇ ئىشنىڭ ئىگىسىنىڭ ئۆز ھاجىتىنى ئادا قىلىشتىن چەكلەپ قويىدىغانلىقى، گەرچە تاپسىمۇ بەك قېيىن بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ.

سۆزلەرنىڭ مەناسى

...:

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

مۇلايىملىق بىلەن ئەخلاقلىنىشقا رىغبەتلەندۈرۈش.

مۇلايىملىق كىشىنى گۈزەللەشتۈرىدۇ، ئۇ دىن ۋە دۇنيا ئىشلىرىدىكى ياخشىلىقنىڭ سەۋەبىدۇر.

مەنبەلەر
تېخىمۇ كۆپ (5)

سەھى مۇسلىم (4/ 2004) (2594).

بهجة الناظرين شرح رياض الصالحين.

لسليم الهلالي (1/ 683).

تطريز رياض الصالحين.

لفيصل آل مبارك (ص414).