پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: ئاللاھنىڭ نەزىرىدە قايسى گۇناھ كاتتا ؟ دەپ سورىسام، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سېنى ياراتقان ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشۈڭ دېدى
ئابدۇللاھ ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ:
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: ئاللاھنىڭ نەزىرىدە قايسى گۇناھ كاتتا ؟ دەپ سورىسام، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سېنى ياراتقان ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشۈڭ دېدى»، بۇ ھەقىقەتەن كاتتا گۇناھ، ئۇنىڭدىن كېين قايسى؟ دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«پىقىرلىقتىن قورقۇپ، بالاڭنىڭ سەن بىلەن بىرگە يېمەك يېيىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنى ئۆلتۈرىۋېتىشىڭ»دېدى، مەن: ئۇنىڭدىن كېين قايسى؟ دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«خوشناڭنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىشىڭ»دېدى.
سَأَلْتُ النَّبِيَّ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ: أَيُّ الذَّنْبِ أَعْظَمُ عِنْدَ اللهِ؟ قَالَ: «أَنْ تَجْعَلَ لِلهِ نِدًّا وَهُوَ خَلَقَكَ» قُلْتُ: إِنَّ ذَلِكَ لَعَظِيمٌ، قُلْتُ: ثُمَّ أَيُّ؟ قَالَ: «وَأَنْ تَقْتُلَ وَلَدَكَ؛ تَخَافُ أَنْ يَطْعَمَ مَعَكَ» قُلْتُ: ثُمَّ أَيُّ؟ قَالَ: «أَنْ تُزَانِيَ حَلِيلَةَ جَارِكَ».
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن گۇناھنىڭ كاتتىسىدىن سورالغاندا، مۇنداق دېگەن: گۇناھنىڭ ئەڭ كاتتىسى چوڭ شېرىكتۇر، ئۇ بولسىمۇ: ئاللاھقا ئىلاھلىقىدا، پەرۋەردىگارلىقىدا، ئىسىم ۋە سۈپەتلىرىدە شېرىك قىلىش، باراۋەر قىلىش ۋە ئوخشىشىنى قىلىشتىن ئىبارەتتۇر. بۇنى سادىر قىلغۇچى تەۋبە قىلمىسا ئاللاھ تائالا مەغپىرەت قىلمايدىغان چوڭ گۇناھتۇر. ئەگەر ساھىبى تەۋبە قىلماي شۇ ھالەتتە ئۆلۈپ كەتسە دوزاختا مەڭگۈ قالىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىنىڭ پەرزەنتىنى پىقىرچىلىقتىن قورقۇپ، ئۆزىنىڭ يىمەك-ئىچمىكىگە شېرىك بولىشىدىن ئەنسىرەپ ئۆلتۈرىۋېتىشىدۇر، بىر جاننى ئۆلتۈرۈش ھارام بولۇپ، تۇغقاندارچىلىقى بولغان كىشىنى ئۆلتۈرىۋېتىشنىڭ جىنايىتى تېخىمۇ ئېغىر بولىدۇ. شۇنىڭدەك قاتىلنىڭ مەقسىدى ئۆلتۈرۈلگۈچىنى ئاللاھ تائالا ئاتا قىلغان رىزىققا شېرىك بولىشىدىن قورقۇپ ئۆلتۈرۈش بولسا بۇنىڭ جىنايىتى تىخىمۇ ئېغىردۇر. ئۇنىڭدىن كېيىن ئىنسان ئۆزىنىڭ خوشنىسىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىشتۇر، خوشنىسىنىڭ ئايالىنى گوللاپ، ئازدۇرۇپ، ئۆزىگە بويسۇندۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن زىنا قىلىشتۇر. ھەرقانداق يات ئايال بىلەن زىنا قىلىش ھارام بولسىمۇ لېكىن شەرىئەت ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرىغان، ياخشى ئۆتۈشكە تەۋسىيە قىلغان خوشنىسىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىشنىڭ جىنايىتى ھەممىدىن ئېغىر بولىدۇ.
......:
ياخشى ئەمەللەر پەزىلەتتە پەرقلىق بولغانغا ئوخشاش گۇناھمۇ كاتتىلىقتا پەرقلىق بولىدۇ.
گۇناھنىڭ ئەڭ كاتتىسى: ئاللاھ تائالاغا شېرىك كەلتۈرۈش، ئۇنىڭدىن كېيىن نامراتلىقتىن قورقۇپ ئۆزىنىڭ بالىسىنى ئۆلتۈرۈش، ئۇنىڭدىن كېيىن خوشنىسىنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىش قاتارلىقلار.
رىزىق ئاللاھنىڭ قولىدا، ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا بارلىق مەخلۇقاتلارغا رىزىق بېرىشكە كاپالەتلىك قىلدى.
خوشنىنىڭ ھەققى كاتتىدۇر، خوشنىغا ئەزىيەت يەتكۈزۈشنىڭ جىنايىتى باشقىلارغا ئەزىيەت يەتكۈزۈشنىڭ جىنايىتىدىن بۈيۇكتۇر.
ھەممىنى ياراتقۇچى، ھېچ قانداق شېرىكى يوق، يالغۇز ئاللاھ ئىبادەتكە لايىقتۇر.
تېخىمۇ كۆپ (7)
سەھى بۇخارى (6/ 18) (4477).
سەھى مۇسلىم (1/ 90) (86).
شرح النووي على مسلم (2/ 79).
فتح ذي الجلال والاكرام بشرح بلوغ المرام.
لابن عثيمين (6/ 288).
توضيح الأحكام من بلوغ المرام.
للبسام (7/ 335).
كىتابلاردا نەقىل قىلىنغان
11 كىتابلارتېخىمۇ كۆپ (11)
- الخطب المنبريةموسوعة الخطب المنبرية (القسم الأول)«أَنْ تَجعَلَ لِلَّهِ نِدًّا وَهُوَ خَلَقَكَ»
- الصراط المستقيم(أي الذنب أعظم عند الله؟ قال: «أن تجعل لله نداً وهو خلقك». قلت: إن ذلك لعظيم، قلت: ثم أي؟ قال: «وأن تقتل ولدك تخاف أن يطعم معك». قلت: ثم أي؟ قال: «أن تزاني حليلة جارك).[58]
- حراسة التوحيدإقامة البراهين على حكم من استغاث بغير الله«أَنْ تَجْعَلَ لِلهِ نِدًّا وَهُوَ خَلَقَكَ».
- عقيدة الأئمة الأربعة«أَنْ تَجْعَلَ لِلَّهِ نِدًّا وَهُوَ خَلَقَكَ»
- قاموس الكبائر موسوعة الكبائر - المجموعة الأولىسَأَلْتُ النَّبِيَّ ﷺ: أَيُّ الذَّنْبِ أَعْظَمُ عِندَ اللَّهِ؟ قَالَ: «أَنْ تَجْعَلَ لِلهِ نِدًّا وَهُوَ خَلَقَكَ» [22].
- قاموس الكبائر موسوعة الكبائر - المجموعة الأولىسَألْتُ النَّبِيَّ ﷺ: أَيُّ الذَّنْبِ أَعْظَمُ عِنْدَ اللَّهِ؟ قَالَ: «أَنْ تَجْعَلَ لِلَّهِ نِدًّا وَهُوَ خَلَقَكَ»، قُلْتُ: إِنَّ ذَلِكَ لَعَظِيمٌ، قُلْتُ: ثُمَّ أَيُّ؟ قَالَ: «وَأَنْ تَقْتُلَ وَلَدَكَ تَخَافَ أَنْ يَطْعَمَ مَعَكَ»، قُلْت
- قاموس الكبائرسَأَلْتُ النَّبِيَّ ﷺ: أَيُّ الذَّنْبِ أَعْظَمُ عِندَ اللَّهِ؟ قَالَ: «أَنْ تَجْعَلَ لِلهِ نِدًّا وَهُوَ خَلَقَكَ» [22].
- قاموس الكبائرسَألْتُ النَّبِيَّ ﷺ: أَيُّ الذَّنْبِ أَعْظَمُ عِنْدَ اللَّهِ؟ قَالَ: «أَنْ تَجْعَلَ لِلَّهِ نِدًّا وَهُوَ خَلَقَكَ»، قُلْتُ: إِنَّ ذَلِكَ لَعَظِيمٌ، قُلْتُ: ثُمَّ أَيُّ؟ قَالَ: «وَأَنْ تَقْتُلَ وَلَدَكَ تَخَافَ أَنْ يَطْعَمَ مَعَكَ»، قُلْت
- مجموعة زاد الحديث(3)1«أَنْ تَجْعَلَ لِلَّهِ نِدًّا وَهُوَ خَلَقَكَ»، قُلْتُ: إِنَّ ذَلِكَ لَعَظِيمٌ، قُلْتُ: ثُمَّ أَيُّ؟ قَالَ: «ثُمَّ أَنْ تَقْتُلَ وَلَدَكَ تَخَافُ أَنْ يَطْعَمَ مَعَكَ»، قُلْتُ: ثُمَّ أَيُّ؟ قَالَ: «ثُمَّ أَنْ تُزَانِيَ بِحَلِيلَةِ جَارِكَ»
- مشروع منهاج زادكزادك 2 طالب نهائي«أَنْ تُزَانِيَ حَلِيلَةَ جَارِكَ»
- نبراس طالب (5)1«أَنْ تَجْعَلَ للهِ نِدًّا وَهُوَ خَلَقَكَ». قُلتُ: ثُمَّ أيٌّ؟ قال: «أنْ تَقْتُلَ وَلَدَكَ مِنْ أجْلِ أنْ يَطْعَمَ مَعَكَ». قُلتُ: ثُمَّ أيٌّ؟ قال: «أنْ تُزَانِيَ حَلِيلَةَ جَارِكَ»