Skip to content

ھەر قانداق مۇسۇلمان كىشى نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندە تاھارەتنى كامىل ئېلىپ نامازنى خۇشۇ، تەدىل-ئەركان بىلەن ئادا قىلسا، چوڭ خاتالىق سادىر قىلمىغان بولسىلا، ناماز ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرىكى كېچىك خاتالىقلىرىغا كاپارەت بولىدۇ، بۇ يىل بويى شۇنداق بولىدۇ.

ئوسمان رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم:

ھەر قانداق مۇسۇلمان كىشى نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندە تاھارەتنى كامىل ئېلىپ نامازنى خۇشۇ، تەدىل-ئەركان بىلەن ئادا قىلسا، چوڭ خاتالىق سادىر قىلمىغان بولسىلا، ناماز ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرىكى كېچىك خاتالىقلىرىغا كاپارەت بولىدۇ، بۇ يىل بويى شۇنداق بولىدۇ.

«مَا مِنَ امْرِئٍ مُسْلِمٍ تَحْضُرُهُ صَلَاةٌ مَكْتُوبَةٌ فَيُحْسِنُ وُضُوءَهَا وَخُشُوعَهَا وَرُكُوعَهَا، إِلَّا كَانَتْ كَفَّارَةً لِمَا قَبْلَهَا مِنَ الذُّنُوبِ، مَا لَمْ يُؤْتِ كَبِيرَةً، وَذَلِكَ الدَّهْرَ كُلَّهُ».

مۇسلىم رىۋايىتى
حديث صحيح
شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھەرقانداق بىر مۇسۇلمان بەش ۋاقىت نامازنىڭ ۋاقتى كىرگەندە، تاھارەتنى كامىل ئېلىپ، نامازنى پۈتۈن دىلى ۋە ئەزالىرى بىلەن، خۇشۇ بىلەن ئاللاھقا يۈزلىنىپ، ئاللاھنىڭ كاتتىلىقى، ئۇلۇغلىقىنى دىلىدا ھازىر قىلىپ، نامازنىڭ رۇكۇ، سەجدە ۋە باشقا ھەرىكەتلىرىنى تولۇق ئادا قىلسا، ئۇ كىشى چوڭ گۇناھ سادىر قىلمىغان بولسىلا، بۇ ناماز ئۇ كىشىنىڭ بارلىق كېچىك گۇناھلىرىغا كاپارەت بولىدۇ، بۇ ئارتۇقچىلىق ۋە پەزىلەت يىللارنىڭ ئۆتىشى بىلەن ھەر نامازنىڭ ۋاقتىدا داۋاملىشىدۇ.

سۆزلەرنىڭ مەناسى

...:

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

نامازنىڭ گۇناھقا كاپارەت بولىشى ئۈچۈن ئىنسان تاھارەتنى مۇكەممەل ئېلىشى ۋە نامازنى خۇشۇ بىلەن ئاللاھنىڭ رازىلىقىنى تەلەپ قىلىپ ئادا قىلىشى تەلەپ قىلىنىدۇ.

ئىبادەتنى داۋاملاشتۇرۇشنىڭ پەزىلىتى، بۇ كېچىك گۇناھلارنىڭ كاپارەت بولىشىنىڭ سەۋەبىدۇر.

تاھارەتنى مۇكەممەل تولۇق ئېلىش، نامازنى خۇشۇ بىلەن تولۇق ئادا قىلىشنىڭ پەزىلەتلىرى بايان قىلىنىدۇ.

كېچىك گۇناھلارنىڭ مەغپىرەت بولىشى ئۈچۈن چوڭ گۇناھلاردىن يىراق بولۇشنىڭ مۇھىملىقى.

چوڭ گۇناھلار پەقەت تەۋبە قىلىش بىلەن مەغپىرەت قىلىنىدۇ.

مەنبەلەر
تېخىمۇ كۆپ (11)

سەھى مۇسلىم (1/ 206) (228).

بهجة الناظرين شرح رياض الصالحين.

لسليم الهلالي (2/ 257).

تطريز رياض الصالحين.

لفيصل آل مبارك (ص611).

فيض القدير شرح الجامع الصغير.

لعبدالرؤوف المناوي (5/ 472).

كنوز رياض الصالحين.

لمجموعة من الباحثين (13/ 243).

نزهة المتقين شرح رياض الصالحين.

مجموعة من الباحثين (2/ 773).