Skip to content

«سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ يېنىغا شەيتان كېلىپ: بۇنى كىم ياراتتى؟ بۇنى كىم ياراتتى؟ دەيدۇ، ھەتتا رەببىڭنى كىم ياراتتى؟ دەيدۇ، مۇشۇ سۆزگە يەتكەندە، ئاللاھدىن پاناھلىق تەلەپ قىلسۇن ۋە تەپەككۇر قىلىشتىن توختىسۇن».

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

«سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ يېنىغا شەيتان كېلىپ: بۇنى كىم ياراتتى؟ بۇنى كىم ياراتتى؟ دەيدۇ، ھەتتا رەببىڭنى كىم ياراتتى؟ دەيدۇ، مۇشۇ سۆزگە يەتكەندە، ئاللاھدىن پاناھلىق تەلەپ قىلسۇن ۋە تەپەككۇر قىلىشتىن توختىسۇن».

«يَأْتِي الشَّيْطَانُ أَحَدَكُمْ فَيَقُولُ: مَنْ خَلَقَ كَذَا؟ مَنْ خَلَقَ كَذَا؟ حَتَّى يَقُولَ: مَنْ خَلَقَ رَبَّكَ؟ فَإِذَا بَلَغَهُ فَلْيَسْتَعِذْ بِاللهِ وَلْيَنْتَهِ».

بىرلىككە كەلگەن
حديث صحيح
شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شەيتاننىڭ مۇئ‍مىننى ۋەسۋەسە قىلىپ كۆڭلىگە تاشلايدىغان سوئاللىرىدىن قۇرتۇلۇشنىڭ ئىلاجىنى بايان قىلىپ بەردى. شەيتان: بۇنى كىم ياراتتى؟ بۇنى كىم ياراتتى؟ ئاسماننى كىم ياراتتى؟ زېمىننى كىم ياراتتى؟دەيدۇ. مۇئ‍مىن دىنى تەرەپتىن، ئەقلى تەرەپتىن ۋە تۇغما تەبىئەت تەرەپتىن: ئاللاھ ياراتتى دەپ جاۋاپ بېرىدۇ. لېكىن شەيتان ۋەسۋەسىدىن بۇ دەرىجىدە توختىمايدۇ بەلكى ئەڭ يۇقىرى دەرىجىگە يېتىپ: رەببىڭنى كىم ياراتتى؟ دەيدۇ. شۇ ۋاقىتتا مۇئ‍مىن بۇ ۋەسۋەسىنى تۆۋەندىكى ئۈچ تۈرلۈك ئىش بىلەن مۇداپىئە قىلىدۇ: ئاللاھقا بولغان ئىمان. ئاللاھقا سېغىنىپ شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىسىدىن پاناھلىق تېلەش. ۋەسۋەسە بىلەن يۈرۈپ كەتمەي دەرھال توختاش.

سۆزلەرنىڭ مەناسى

...:

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

شەيتاننىڭ ۋەسۋەسىلىرىدىن ۋە ئۇنىڭ خەتىرىدىن ساقلىنىش، ئۇ توغرىدا پىكىر قىلماسلىق، ئۇنى يوق قىلىش ئۈچۈن ئاللاھ تائالاغا ئىلتىجا قىلىش.

ئىنساننىڭ كۆڭلىگە كەلگەن شەرىئەتكە زىت كېلىدىغان ھەر قانداق ۋەسۋەسە ئۇ شەيتاندىندۇر.

ئاللاھنىڭ زاتى توغرىسىدا تەپەككۇر قىلىشتىن چەكلەش، ئاللاھنىڭ مەخلۇقاتلىرى ۋە ئالامەتلىرى توغرىسىدا تەپەككۇر قىلىشقا قىزىقتۇرۇش.

مەنبەلەر
تېخىمۇ كۆپ (7)

سەھى بۇخارى (4/ 123) (3276).

سەھى مۇسلىم (1/ 120) (134).

إكمال المعلم (1/432).

المفهم (1/345).

فتح الباري (6/ 340).

طرح التثريب (8/163).

بهجة قلوب الأبرار (ص 27).