Skip to content
الأحقَاف /

ئايەت ١٠

٤٦ : ١٠

ئايەت ١٠ of الأحقَاف (٤٦ : ١٠). This page carries the verse in the Uthmani script with a translation of its meaning, at a stable URL that can be cited on its own.

الأحقَاف ئايەتلەر ٣٥
سۈرە · الأحقَاف
الترجمة الأويغورية - محمد صالح
٤٦ : ١٠

قُلۡ أَرَءَيۡتُمۡ إِن كَانَ مِنۡ عِندِ ٱللَّهِ وَكَفَرۡتُم بِهِۦ وَشَهِدَ شَاهِدٞ مِّنۢ بَنِيٓ إِسۡرَٰٓءِيلَ عَلَىٰ مِثۡلِهِۦ فَـَٔامَنَ وَٱسۡتَكۡبَرۡتُمۡۚ إِنَّ ٱللَّهَ لَا يَهۡدِي ٱلۡقَوۡمَ ٱلظَّٰلِمِينَ

(ئى مۇھەممەد! مۇشرىكلارغا) ئېيتقىنكى، «سىلەر ئېيتىپ بېقىڭلارچۇ! قۇرئان ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغان تۇرسا، سىلەر ئۇنىڭغا ئىشەنمىسەڭلار (ھالىڭلار قانداق بولىدۇ؟) ئىسرائىل ئەۋلادىدىن بىر گۇۋاھچى (يەنى ئابدۇللاھ ئىبن سالام) قۇرئاننىڭ ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل بولغانلىقىغا گۇۋاھلىق بېرىپ ئىمان كەلتۈرسە، سىلەر تەكەببۇرلۇق قىلىپ (ئىماندىن) باش تارتساڭلار (ھالىڭلار قانداق بولىدۇ؟) شۈبھىسىزكى، ئاللاھ زالىم قەۋمنى ھىدايەت قىلمايدۇ»(10).