Skip to content
سۈرىلەر تىزىملىكى /

الجاثِية

الجاثِية is chapter ٤٥ of the Quran and has ٣٧ verses. This page presents it in full in the Uthmani script, with a verse-by-verse translation of its meaning.

37 ئايەتلەر سۈرە نومۇرى ٤٥
ئايەتكە بېرىش
الترجمة الأويغورية - محمد صالح
بِسْمِ ٱللَّهِ ٱلرَّحْمَٰنِ ٱلرَّحِيمِ

تَنزِيلُ ٱلۡكِتَٰبِ مِنَ ٱللَّهِ ٱلۡعَزِيزِ ٱلۡحَكِيمِ

(بۇ) كىتاب غالىب، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچى ئاللاھ تەرىپىدىن نازىل قىلىنغاندۇر(2).

إِنَّ فِي ٱلسَّمَٰوَٰتِ وَٱلۡأَرۡضِ لَأٓيَٰتٖ لِّلۡمُؤۡمِنِينَ

ئاسمانلاردا ۋە زېمىندا مۆمىنلەر ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىنى كۆرسىتىدىغان) ھەقىقەتەن نۇرغۇن دەلىللەر بار(3).

وَفِي خَلۡقِكُمۡ وَمَا يَبُثُّ مِن دَآبَّةٍ ءَايَٰتٞ لِّقَوۡمٖ يُوقِنُونَ

سىلەرنىڭ يارىتىلىشىڭلاردا ۋە (ئاللاھ زېمىندا) تارقىتىۋەتكەن جانىۋارلاردا (ئاللاھنىڭ قۇدرىتىگە) جەزمەن ئىشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن نۇرغۇن دەلىللەر بار(4).

وَٱخۡتِلَٰفِ ٱلَّيۡلِ وَٱلنَّهَارِ وَمَآ أَنزَلَ ٱللَّهُ مِنَ ٱلسَّمَآءِ مِن رِّزۡقٖ فَأَحۡيَا بِهِ ٱلۡأَرۡضَ بَعۡدَ مَوۡتِهَا وَتَصۡرِيفِ ٱلرِّيَٰحِ ءَايَٰتٞ لِّقَوۡمٖ يَعۡقِلُونَ

كېچە بىلەن كۈندۈزنىڭ نۆۋەتلىشىپ تۇرۇشىدا، ئاللاھنىڭ بۇلۇتتىن (كۆكتىن) يامغۇر ياغدۇرۇپ ئۇنىڭ بىلەن ئۆلگەن زېمىننى تىرىلدۈرۈشىدە ۋە شاماللارنىڭ يۆنىلىشىنى ئۆزگەرتىپ تۇرۇشىدا، چۈشىنىدىغان قەۋم ئۈچۈن (ئاللاھنىڭ بىرلىكىنى كۆرسىتىدىغان) نۇرغۇن دەلىللەر بار(5).