Skip to content
النور /

ئايەت ٥٨

٢٤ : ٥٨

ئايەت ٥٨ of النور (٢٤ : ٥٨). This page carries the verse in the Uthmani script with a translation of its meaning, at a stable URL that can be cited on its own.

النور ئايەتلەر ٦٤
سۈرە · النور
الترجمة الأويغورية - محمد صالح
٢٤ : ٥٨

يَٰٓأَيُّهَا ٱلَّذِينَ ءَامَنُواْ لِيَسۡتَـٔۡذِنكُمُ ٱلَّذِينَ مَلَكَتۡ أَيۡمَٰنُكُمۡ وَٱلَّذِينَ لَمۡ يَبۡلُغُواْ ٱلۡحُلُمَ مِنكُمۡ ثَلَٰثَ مَرَّٰتٖۚ مِّن قَبۡلِ صَلَوٰةِ ٱلۡفَجۡرِ وَحِينَ تَضَعُونَ ثِيَابَكُم مِّنَ ٱلظَّهِيرَةِ وَمِنۢ بَعۡدِ صَلَوٰةِ ٱلۡعِشَآءِۚ ثَلَٰثُ عَوۡرَٰتٖ لَّكُمۡۚ لَيۡسَ عَلَيۡكُمۡ وَلَا عَلَيۡهِمۡ جُنَاحُۢ بَعۡدَهُنَّۚ طَوَّٰفُونَ عَلَيۡكُم بَعۡضُكُمۡ عَلَىٰ بَعۡضٖۚ كَذَٰلِكَ يُبَيِّنُ ٱللَّهُ لَكُمُ ٱلۡأٓيَٰتِۗ وَٱللَّهُ عَلِيمٌ حَكِيمٞ

ئى مۆمىنلەر! سىلەرنىڭ قۇللىرىڭلار، چۆرىلىرىڭلار ۋە ئىچىڭلاردىكى بالاغەتكە يەتمىگەن بالىلار ناماز بامداتتىن بۇرۇن، چۈشتە (ئۇخلاش ئۈچۈن) كىيىمىڭلارنى سالغان چېغىڭلاردا ۋە خۇپتەندىن كېيىن (مۇشۇنداق) ئۈچ ۋاقىتتا (يېنىڭلارغا كىرسە) سىلەردىن ئىجازەت سورىسۇن، (بۇ) ئۈچ ۋاقىت سىلەرنىڭ ئەۋرىتىڭلار (ئېچىلىپ قالىدىغان ۋاقىتتۇر)، بۇ ئۈچ ۋاقىتتىن باشقا ۋاقىتلاردا (ئۇلار سىلەرگە كىرسە) سىلەرگىمۇ، ئۇلارغىمۇ ھېچ گۇناھ بولمايدۇ، سىلەر بىر ـ بىرىڭلار بىلەن بېرىش ـ كېلىش قىلىپ تۇرىسىلەر، ئاللاھ سىلەرگە ئايەتلەرنى (يەنى شەرىئەت ئەھكاملىرىنى) ئەنە شۇنداق بايان قىلىدۇ، ئاللاھ ھەممىنى بىلگۈچىدۇر، ھېكمەت بىلەن ئىش قىلغۇچىدۇر(58).