Skip to content
251 ھەدىس

پەيغەمبەر ھەدىسلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى

نەتىجىلەرنى سۈزۈش

251 كارتادىن 28

سۈزگۈچلەرنى تازىلاش
«شۇم پال ئېلىش شېرىكتۇر، شۇم پال ئېلىش شېرىكتۇر، شۇم پال ئېلىش شېرىكتۇر»، دەپ ئۈچ قېتىم دېدى، بىزنىڭ ئارىمىزدا شۇم پال ئالمايدىغان برسى يوق ئېدى، لېكىن ئاللاھ تائالا شۇم پال ئېلىشنى تەۋەككۇل بىلەن كەتكۈزىۋەتتى».
تېكىست توغرا ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، ئىبنى ماجە ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان
«كىمكى ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلىدىكەن، ھەقىقەتەن ئۇ كىشى كاپىر بولدى ياكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈردى».
تېكىست توغرا ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان
«بىر كىشى بىر گۇناھنى قىلىپ ئۇنىڭدىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ، تاھارەت ئېلىپ، ئىككى رەكئ‍ەت ناماز ئادا قىلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تەلەپ قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى مەغپىرەت قىلىدۇ» ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئايەتنى تىلاۋەت قىلدى:﴿‏وَالَّذِينَ إِذَا فَعَلُوا فَاحِشَةً أَوْ ظَلَمُوا أَنْفُسَهُمْ ذَكَرُوا اللهَ فَاسْتَغْفَرُوا لِذُنُوبِهِمْ﴾‏ تەرجىمىسى:«تەقۋادارلار يامان بىر گۇناھ قىلىپ قالسا ياكى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلسا ئاللاھنى ياد ئېتىدۇ، گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ» [سۈرە ئال ئىمران 135-ئايەت].
تېكىست توغرا ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، نىسائى سۈنەن كۇبرادا، ئىبنى ماجە ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان
«قىيامەت كۈنىدە مۇئ‍مىننىڭ مىزانىدا گۈزەل ئەخلاقتىنمۇ ئېغىر نەرسە بولمايدۇ، ئاللاھ تائالا ھەقىقەتەن ناچار ئەخلاق ۋە سەت ئىشلارنى ئۆچ كۆرىدۇ».
تېكىست توغرا ئەبۇ داۋۇد ۋە تىرمىزى رىۋايەت قىلغان
«قۇرئان ياد قىلغۇچى ئۈچۈن: ئوقۇغىن، يۇقىرى ئۆرلىگىن، دۇنيادا قۇرئان كەرىمنى تەرتىل بىلەن تىلاۋەت قىلغاندەك تىلاۋەت قىلغىن، ھەقىقەتەن سېنىڭ ئورنۇڭ سەن تىلاۋەت قىلغان ئەڭ ئاخىرقى ئايەتكىچە بولىدۇ، دېيىلىدۇ».
ھەسەن. ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، نىسائى سۈنەن كۇبرادا ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان
«رەببىڭلار بولغان ئاللاھدىن قورقۇڭلار، بەش ۋاقىت نامازنى تولۇق ئادا قىلىڭلار، رامىزاننىڭ روزىسىنى تۇتۇڭلار، ماللىرىڭلارنىڭ زاكىتىنى ئادا قىلىڭلار، رەھبەرلەرگە ئىتائەت قىلىڭلار، رەببىڭلارنىڭ جەننىتىگە كېرىسىلەر».
تېكىست توغرا تىرمىزى ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان
ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى مېنىڭ ئۇممىتىمدىن بولغان بىر كىشىنى ئايرىپ ئۇنىڭ ئالدىغا توقسەن توققۇز پۈتۈك دەپتىرىنى يايىدۇ، ھەر بىر پۈتۈك دەپتىرى كۆز يەتكۈسىز يەرگىچە بولىدۇ، ئاندىن ئۇ كىشىگە: بۇنىڭدىن بىرەر ئىشنى ئىنكار قىلامسەن؟ ئەمەللەرنى ساقلىغۇچى ۋە پۈتۈكچى پەرىشتىلىرىم ساڭا زۇلۇم قىلدىمۇ؟دەيدۇ، ئۇ كىشى: ياق، ئى رەببىم! دەيدۇ، ئاللاھ تائالا: سېنىڭ ئۈزرەڭ بارمۇ؟ دەيدۇ، ئۇ كىشى: ياق، ئى رەببىم! دەيدۇ، ئاللاھ تائالا: ياق، بىزنىڭ ھوزۇرىمىزدا سېنىڭ ياخشىلىقىڭ بار، ھەقىقەتەن بۈگۈن ساڭا زۇلۇم قىلىنمايدۇ دەپ، ئۇ كىشىگە: ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالامنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىمەن دەپ يېزىلغان كارتنى چېقىرىدۇ، بۇنى سېنىڭ مىزانىڭغا قويغىن دەيدۇ، ئۇ كىشى: ئى رەببىم! بۇ كارت ئاشۇ پۈتۈكلەر بىلەن قانداق باراۋەر كەلسۇن؟دەيدۇ، ئاللاھ تائالا: ساڭا زۇلۇم قىلىنمايدۇ دەيدۇ. (ئاندىن ئاۋۇ پۈتۈكلەر تارازىنىڭ بىر تەرىپىدە، كارت يەنە بىر تەرىپىدە قويىلىدۇ) پۈتۈكلەر يەڭگىل كېلىپ كارت ئېغىر كېلىدۇ، ھېچقانداق نەرسە ئاللاھنىڭ ئىسمى بولغان نەرسىدىن ئېغىر كەلمەيدۇ».
تېكىست توغرا تىرمىزى ۋە ئىبنى ماجە رىۋايىتى.
مۇئ‍مىنلەردىن كامالى ئىمانغا ئىگە كىشىلەر ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل بولغان كىشىلەردۇر. سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئاياللىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلغانلىرىڭلاردۇر».
ھەسەن. ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان