Skip to content
251 ھەدىس

پەيغەمبەر ھەدىسلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى

نەتىجىلەرنى سۈزۈش

251 كارتادىن 135

سۈزگۈچلەرنى تازىلاش

ھەدىسنىڭ دەرىجىسى

«خىرىستىيانلار مەريەم ئوغلى ئىسانى كۆككە كۆتۈرگەندەك مېنى كۆككە كۆتۈرمەڭلار، ھەقىقەتەن مەن ئاللاھنىڭ بەندىسى، مېنى ئاللاھنىڭ بەندىسى ۋە ئەلچىسى دەڭلار».
تېكىست توغرا بۇخارى رىۋايىتى
«چېلىشىشتا يېڭىۋالغان كۈچلۈك ئەمەس، بەلكى ھەقىقى كۈچلۈك دېگەن ئاچچىغى كەلگەندە ئۆزىنى تۇتىۋالغان كىشىدۇر».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
بىزگە ئەنەس بىن مالىك رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ: بىر ئادەم مۇنداق دېدى: ئى ئاللاھنىڭ پەيغەمبىرى! ئاللاھ تائالا كاپىرلارنى يۈزىچە قانداق جۇغلايدۇ؟، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئىنساننى دۇنيادا ئىككى پۇتى بىلەن ماڭدۇرۇشقا قادىر بولغان زات ئەلۋەتتە قىيامەتتە يۈزىچەككە ماڭدۇرۇشقا قادىر ئەمەسمۇ؟» دېدى، قەتادە: رەببىمىزنىڭ ئىززىتى بىلەن قەسەم! ئەلۋەتتە قادىر دېدى.
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى قەبىرنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كىتىۋىتىپ مۇنداق دېدى: «بۇ ئىككى قەبىردىكى كىشى ئەلۋەتتە ئازابلىنىۋاتىدۇ، بۇلار كۆرۈنۈشتە چوڭ بولغان بىر ئىشتا ئازابلانمايۋاتىدۇ، ئەمما ئىككىسىنىڭ بىرى كېچىك تاھارەتتىن پاكلانمايتتى(يەنى سۈيدۈكتىن تولۇق ساقلانمايتتى) يەنە بىرى: كىشىلەر ئارىسىدا گەپ توشۇپ سۇخەنچىلىق قىلاتتى»، ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خورمىنىڭ بىر تال ھۆل شېخىنى ئىلىپ ئوشتۇپ ئىككى پارچە قىلىپ ھەر بىر قەبىرگە بىر تالدىن سانچىپ قويدى. ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بۇنى نېمە ئۈچۈن قىلدىلا؟ دەپ سورىغان ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«بۇ ئىككى شاخ قۇرۇپ قالمىغان مۇددەتتە ئۇلاردىن ئازاب يەڭگىللەمدىكىن دېگەن ئۈمىتتە شۇنداق قىلدىم» دېدى.
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
كىمكى كۈنىگە يۈز قېتىم: (سۇبھانەللاھى ۋە بىھەمدىھى) يەنى ئاللاھقا ھەمدە ئېيتىش بىلەن ئۇنى بارچە نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن دېسە، ئۇنىڭ گۇناھلىرى دېڭىزنىڭ كۆپىكىدەك كۆپ بولسىمۇ ئەپۇ قىلىنىدۇ.
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«ئايال ئىككى كۈنلۈك مۇساپىدىكى سەپەرگە يالغۇز چىقمىسۇن، ئېرى ياكى باشقا مەھرەملىرى بىلەن بىرگە چىقسۇن، ھېچ كىشى روزا ھېيت ۋە قۇربان ھېيت كۈنلىرىدە روزا تۇتمىسۇن، بامدات نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ كۈن نەيزە بويى ئۆرلىمىگىچە ۋە ئەسىر نامىزىنى ئوقۇپ بولۇپ شامنىڭ ۋاقتى كىرمىگۈچە باشقا نەپلە ناماز ئوقۇمىسۇن، ئۈچ مەسچىتتىن باشقا مەسچىتلەرگە يۈك-تاقا كۆتۈرۈپ سەپەر قىلىپ بارمىسۇن: ھەرەم مەسچىتى، ئەقسا مەسچىتى ۋە مېنىڭ مۇشۇ مەسچىتىم يەنى مەدىنە مۇنەۋۋەرەدىكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مەسچىتى».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ تاھارىتى بۇزۇلسا تاھارەت ئالمىغۇچە ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ نامىزىنى قوبۇل قىلمايدۇ».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«خەۋەر بېرىڭلار، ئەگەر سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ ئۆيىنىڭ ئالدىدا ئۆستەڭ بولۇپ، ئۇنىڭدا ھەر كۈنى بەش قېتىمدىن يۇيۇنسا ئۇ كىشىنىڭ بەدىنىدە كىر قالامدۇ؟»، ئۇلار: ياق، ئۇ كىشىنىڭ بەدىنىدە كىردىن ھېچ نەرسە قالمايدۇ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «بۇ بەش ۋاقىت نامازنىڭ مىسالىغا ئوخشايدۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا خاتالىقلارنى ئۆچۈرىدۇ»دېدى.
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن