Skip to content
251 ھەدىس

پەيغەمبەر ھەدىسلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى

نەتىجىلەرنى سۈزۈش

251 كارتادىن 33

سۈزگۈچلەرنى تازىلاش
«شۇم پال ئېلىش شېرىكتۇر، شۇم پال ئېلىش شېرىكتۇر، شۇم پال ئېلىش شېرىكتۇر»، دەپ ئۈچ قېتىم دېدى، بىزنىڭ ئارىمىزدا شۇم پال ئالمايدىغان برسى يوق ئېدى، لېكىن ئاللاھ تائالا شۇم پال ئېلىشنى تەۋەككۇل بىلەن كەتكۈزىۋەتتى».
تېكىست توغرا ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، ئىبنى ماجە ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان
«كىمكى ئاللاھنىڭ غەيرى بىلەن قەسەم قىلىدىكەن، ھەقىقەتەن ئۇ كىشى كاپىر بولدى ياكى ئاللاھقا شېرىك كەلتۈردى».
تېكىست توغرا ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان
«ئەمەللەر ئالتە تۈرلۈكتۇر، ئىنسانلار تۆت تۈرلۈك بولۇپ، ۋاجىپ قىلىدىغان ئىككى خىسلەت مەۋجۇتتۇر. قىلغىنىغا ئوخشاش جازا، ياخشىلىق ئۆزىنىڭ ئون باراۋېرىدە ۋە ياخشىلىق ئۆزىنىڭ يەتتە يۈز باراۋېرىگىچە بولىدۇ. ئەمما ۋاجىپ قىلىدىغان ئىككى خىسلەت: ئاللاھ تائالاغا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەستىن ۋاپات بولغان كىشى جەننەتكە كېرىدۇ. ئاللاھقا بىر نەرسىنى شېرىك كەلتۈرۈپ ئۆلگەن كىشى دوزاخقا كېرىدۇ. قىلغىنىغا ئوخشاش جازا: كىمكى ياخشىلىقنى مەقسەت قىلىپ ئۇنى كۆڭلىدە ھېس قىلسا ئاللاھ تائالا ئۇنى بىلىدۇ، ئۇ كىشىگە بىر ياخشىلىق يېزىلىدۇ، بىر يامانلىق قىلغان كىشىگە بىر يامانلىق يېزىلىدۇ، كىمكى بىر ياخشىلىق قىلسا ياخشىلىق ئۆزىنىڭ ئون باراۋېرىدە بولىدۇ. كىمكى ئاللاھ يولىدا بىر نەرسىنى نەپىقە قىلسا ئۇنىڭ ئۈچۈن يەتتە يۈز ياخشىلىق بولىدۇ. ئەمما ئىنسانلار: دۇنيادا كەڭرىچىلىكتە، ئاخىرەتتە قىيىنچىلىقتا بولىدىغان، دۇنيادا قىيىنچىلىقتا بولغان ئاخىرەتتە كەڭىرچىلىكتە بولىدىغان، دۇنيا-ئاخىرەتتە قىيىنچىلىقتا بولىدىغان، دۇنيا -ئاخىرەتتە كەڭىرچىلىكتە بولىدىغانلاردىن ئىبارەتتۇر».
ھەسەن. ئەھمەد رىۋايىتى
«بىر كىشى بىر گۇناھنى قىلىپ ئۇنىڭدىن كېيىن ئورنىدىن تۇرۇپ، تاھارەت ئېلىپ، ئىككى رەكئ‍ەت ناماز ئادا قىلىپ، ئۇنىڭدىن كېيىن ئاللاھ تائالادىن مەغپىرەت تەلەپ قىلسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى مەغپىرەت قىلىدۇ» ئۇنىڭدىن كېيىن بۇ ئايەتنى تىلاۋەت قىلدى:﴿‏وَالَّذِينَ إِذَا فَعَلُوا فَاحِشَةً أَوْ ظَلَمُوا أَنْفُسَهُمْ ذَكَرُوا اللهَ فَاسْتَغْفَرُوا لِذُنُوبِهِمْ﴾‏ تەرجىمىسى:«تەقۋادارلار يامان بىر گۇناھ قىلىپ قالسا ياكى ئۆزلىرىگە زۇلۇم قىلسا ئاللاھنى ياد ئېتىدۇ، گۇناھلىرى ئۈچۈن مەغپىرەت تەلەپ قىلىدۇ» [سۈرە ئال ئىمران 135-ئايەت].
تېكىست توغرا ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، نىسائى سۈنەن كۇبرادا، ئىبنى ماجە ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ساھابىلىرىدىن بىزگە قۇرئان ئۈگۈتىدىغان كىشىلەر ھەدىس بايان قىلىدۇكى، ئۇلار پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئون ئايەت ئۈگەنسە مۇشۇ ئون ئايەتنى ياد قىلىپ، ئۇنىڭدىكى ئىلىمنى ئۈگۈنىپ ۋە ئۇنىڭغا تولۇق ئەمەل قىلمىغۇچە يەنە بىر ئون ئايەتنى ئۈگۈنۈشكە ئۆتمەيتتى، ئۇلار: بىز ئىلىم بىلەن ئەمەلنى تەڭ ئۈگەندۇق دەيتتى.
ھەسەن. ئەھمەد رىۋايىتى
«كىمكى ئاستۇرنومىيەدىن بىر ئىلىمنى ئۈگەنسە، سېھردىن بىر پارچە ئالغان بولدى، ئۇنىڭدىن كۆپ ئۈگەنسە كۆپ ئالىدۇ».
تېكىست توغرا ئەبۇ داۋۇد، ئىبنى ماجە ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان
بىر ئادەم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كىلىپ بەزى ئىشلار توغرىسىدا سۆز قىلىپ: ئاللاھ خالىسا ۋە سەن خالىساڭ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: «مېنى ئاللاھ بىلەن باراۋەر قىلدىڭمۇ؟ يالغۇز بىر ئاللاھ خالىسا دېگىن» دېدى.
بۇ ھەدىسنىڭ ئىسنادى ھەسەن. رواه ابن ماجه والنسائي في الكبرى وأحمد
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شەيتانغا تاش ئاتىدىغان كۈنى ئەتتىگەندە تۆگىسىدە ئولتۇرۇپ:«ماڭا تاش تېرىپ بەرگىن» دېدى، مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا پىندىقتەك چوڭلۇقتا يەتتە تاش تېرىپ بەردىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ تاشلارنى ئالقىنىدا قويۇپ:«مۇشۇنىڭغا ئوخشاش تاشلارنى ئېتىڭلار» دېدى. ئاندىن مۇنداق دېدى:«ئەي ئىنسانلار! دىندا ھەددىدىن ئاشۇرىۋېتىشتىن ساقلىنىڭلار، سىلەردىن ئىلگىرىكى كىشىلەر دىندا ھەددىدىن ئاشۇرىۋەتكەنلىكى ئۈچۈن ھالاك بولۇپ كەتتى».
تېكىست توغرا ئىبنى ماجە، نىسائى ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان