مەن يەتتە ئەزا بىلەن سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلدۇم دەپ
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
مەن يەتتە ئەزا بىلەن سەجدە قىلىشقا بۇيرۇلدۇم دەپ: پىشانىگە، قولى بىلەن بۇرنى، ئىككى قولى، ئىككى تىزى ۋە ئىككى قەدىمىنىڭ ئەتراپىغا ئىشارەت قىلدى ۋە كىيىمنى تۈرىۋالماسلىق، چاچنى بانتىلىۋالماسلىق كېرەك، دېدى
«أُمِرْتُ أَنْ أَسْجُدَ عَلَى سَبْعَةِ أَعْظُمٍ: عَلَى الْجَبْهَةِ وَأَشَارَ بِيَدِهِ عَلَى أَنْفِهِ، وَالْيَدَيْنِ، وَالرُّكْبَتَيْنِ، وَأَطْرَافِ الْقَدَمَيْنِ، وَلَا نَكْفِتَ الثِّيَابَ وَالشَّعَرَ».
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ تائالانىڭ نامازدا ئىنسان جىسمىدىكى يەتتە ئەزا بىلەن سەجدە قىلىشقا بۇيرىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى. ئۇ ئەزالار: بىرىنچى: پېشانىسى، ئۇ: بۇرنى ۋە ئىككى كۆزىنىڭ ئۈستىدىكى كەڭلىك. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قولى بىلەن بۇرنىغا ئىشارەت قىلىپ پىشانە بىلەن بۇرۇننىڭ يەتتە ئەزادىن بىر ئەزا ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، سەجدە قىلغۇچىنىڭ بۇرنىنىڭ زېمىنغا تېگىشى كېرەك ئىكەنلىكىنى تەكىتلىدى. ئىككىنچى ۋە ئۈچىنچى ئەزا بولسا: ئىككى قول. تۆتىنچى ۋە بەشىنچى ئەزا بولسا: ئىككى تىز. ئالتىنچى ۋە يەتتىنچى ئەزا بولسا: ئىككى قەدەمنىڭ بارماقلىرى. بىز زېمىنغا سەجدە قىلغاندا چاچلىرىمىز بىلەن كىيىمىمىزنى مۇھاپىزەت قىلىپ چاچلىرىمىزنى چېگىۋالماسلىق، كىيىملىرىمىزنى بىر-بىرىگە چېگىۋالماسلىققا، بەلكى زېمىنغا تەككىدەك قويىۋېتىشكە بۇيرۇلدۇق. كىيىملىرىمىز ئەزالار بىلەن بىرگە سەجدە قىلىدۇ.
ولا نَكْفِت: الكَفت: الجَمع والضَّم.
نامازدا يەتتە ئەزا بىلەن سەجدە قىلىشنىڭ ۋاجىپلىقى.
نامازدا كىيىمنى ۋە چاچنى تۈگىۋېلىشنىڭ ياخشى كۆرۈلمەيدىغانلىقى.
ناماز ئادا قىلغۇچىنىڭ نامازنى تىنچ-خاتىرجەم ئادا قىلىشى ۋاجىپ بولىدۇ، بۇ سەجدە قىلىدىغان يەتتە ئەزانى زېمىنغا قويۇش بىلەن بولىدۇ، زېمىنغا ئورۇنلاشقاندىن كېيىن ئوقۇلىدىغان زىكىرلەرنى راھەت ئوقۇغىلى بولىدۇ.
نامازدا چېچىنى بوغىۋېلىش ئەرلەرگە خاس بولىدۇ، چۈنكى ئاياللار نامازدا چېچىنى ئوراشقا بۇيرۇلغان.
تېخىمۇ كۆپ (14)
سەھى بۇخارى (1/ 162) (812).
سەھى مۇسلىم (1/ 354) (490).
المنهاج شرح صحيح مسلم.
للنووي (4/ 206).
مرقاة المفاتيح شرح مشكاة المصابيح.
لعلي القاري (2/ 718).
سبل السلام شرح بلوغ المرام.
للصنعاني (1/ 270).
توضيح الأحكام مِن بلوغ المرام.
لعبد الله البسام (2/ 229).
فتح ذي الجلال والإكرام شرح بلوغ المرام.
لابن عثيمين (2/ 115).
منار القاري.
لحمزة قاسم (2/ 202).
كىتابلاردا نەقىل قىلىنغان
2 كىتابلارتېخىمۇ كۆپ (2)
- المناهج التعليمية - الصف الرابعالمناهج التعليمية - الصف الرابع - الفقه«أُمِرْتُ أَنْ أَسْجُدَ عَلَى سَبْعَةِ أَعْظُمٍ: عَلَى الجَبْهَةِ - وَأَشَارَ بِيَدِهِ عَلَى أَنْفِهِ -، وَاليَدَيْنِ، وَالرُّكْبَتَيْنِ، وَأَطْرَافِ القَدَمَيْنِ» [26].
- شروط الصلاة وأركانها وواجباتها«أُمِرْتُ أَنْ أَسْجُدَ عَلَى سَبْعَةِ أَعْظُمٍ»[91][92]،