Skip to content

«ياخشىلىقتىن ھېچ قانداق بىر نەرسىنى تۆۋەن كۆرمىگىن، گەرچە قېرىندىشىڭغا ئوچۇق چېراي بىلەن بىقىش بولسىمۇ».

ئەبۇ زەر رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ماڭا مۇنداق دېگەن:

«ياخشىلىقتىن ھېچ قانداق بىر نەرسىنى تۆۋەن كۆرمىگىن، گەرچە قېرىندىشىڭغا ئوچۇق چېراي بىلەن بىقىش بولسىمۇ».

«لَا تَحْقِرَنَّ مِنَ الْمَعْرُوفِ شَيْئًا، وَلَوْ أَنْ تَلْقَى أَخَاكَ بِوَجْهٍ طَلْقٍ».

مۇسلىم رىۋايىتى
حديث صحيح
شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ياخشىلىق قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈپ، ياخشىلىق گەرچە ئاددى بولسىمۇ ئۇنى تۆۋەن كۆرمەسلىككە رىغبەتلەندۈردى. مۇسۇلمان قېرىنداشلىرى بىلەن ئۇچراشقاندا ئۇلارغا ئوچۇق-چېراي، خۇش- تەبەسسۇم بىلەن قاراشمۇ ياخشىلىقنىڭ جۈملىسىدىندۇر. مۇسۇلمان قېرىندىشى بىلەن ئۈلپەتلىشىش ۋە ئۇنىڭ كۆڭلىنى خۇرسەن قىلىشتىن ئىبارەت بۇ ئىشنى ئۆزىدە يېتىلدۈرىشى كېرەك.

سۆزلەرنىڭ مەناسى

...:

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

مۇسۇلمانلار ئارىسىدىكى دوستلۇق، خۇش-تەبەسسۇم ۋە ئۇچراشقان ۋاقىتتا خۇرسەن قىلىشنىڭ پەزىلىتى.

ئىسلام شەرىئىتىنىڭ مۇكەممەللىكى ۋە ھەممىنى ئۆز ئېچىگە ئالغانلىقىنى بايان قىلىش بولۇپ، شەرىئەت مۇسۇلمانلارغا پايدىسى بولىدىغان ۋە ئۇلارنى بىرلەشتۈرىدىغان ھەممە نەرسىنى ئېلىپ كەلدى.

ياخشى ئىش گەرچە ئاز بولسىمۇ ئۇنىڭغا رىغبەتلەندۈرۈش.

مۇسۇلمانلارنىڭ دىلىغا خۇرسەنلىك پەيدا قىلىش ئارقىلىق ئۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مېھرى-مۇھەببەت كۈچىيىدۇ.

مەنبەلەر

(1/ 572).

تېخىمۇ كۆپ (8)

سەھى مۇسلىم (4/ 2026) (2626).

منحة العلام في شرح بلوغ المرام.

لعبد الله الفوزان (10/ 119).

توضيح الأحكام من بلوغ المرام.

للبسام (7/ 341).

نزهة المتقين شرح رياض الصالحين.

بهجة الناظرين شرح رياض الصالحين.

لسليم الهلالي (2/ 20).