«مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ گۇناھ-مەسىيەتنى ئاشكارا قىلغانلىرىدىن
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ:
«مېنىڭ ئۈممىتىمنىڭ گۇناھ-مەسىيەتنى ئاشكارا قىلغانلىرىدىن باشقا ھەممىىسى ئەپۇ قىلىندۇ. گۇناھ-مەسىيەتنى ئاشكارا قىلىش دېگەن: بىر ئادەم كېچە خاتا ئىشنى قىلىدۇ، ئاللاھ تائالا ئۇ ئىشنى ئاشكارا قىلمىغان، ياپقان ھالەتتە تاڭ ئاتقۇزىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن: ھەي پالانى! مەن كېچىدىن مۇنداق، مۇنداق ئىشنى قىلدىم دەپ ئاللاھ تائالانىڭ يوشۇرغان ئىشنى تاڭ ئاتقاندا ئوچۇق باشقىلارغا دەيدۇ».
«كُلُّ أُمَّتِي مُعَافًى إِلَّا المُجَاهِرِينَ، وَإِنَّ مِنَ المُجَاهَرَةِ أَنْ يَعْمَلَ الرَّجُلُ بِاللَّيْلِ عَمَلًا، ثُمَّ يُصْبِحَ وَقَدْ سَتَرَهُ اللَّهُ عَلَيْهِ، فَيَقُولَ: يَا فُلاَنُ، عَمِلْتُ البَارِحَةَ كَذَا وَكَذَا، وَقَدْ بَاتَ يَسْتُرُهُ رَبُّهُ، وَيُصْبِحُ يَكْشِفُ سِتْرَ اللَّهِ عَنْهُ».
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خاتالىق سادىر قىلغۇچىنىڭ ئاللاھنىڭ ئەپۇ قىلىشى ۋە مەغپىرەت قىلىشىنى ئۈمىت قىلىدىغانلىقى، لېكىن خاتالىقنى ئاشكارا قىلغۇچى بولسا، قىلغان ئىشىدىن پەخىرلەنگەنلىكى ۋە يۈزى قىلىنلىقىدىن ئاللاھنىڭ ئەپۇ قىلىشى ۋە مەغپىرەت قىلىشىقا لايىق بولالمايدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشى كېچىدە خاتالىق سادىر قىلىدۇ، ئاللاھنىڭ ئاشكارا قىلماسلىقى، يۆگىشى بىلەن تاڭ ئاتقۇزىدۇ، ئاندىن ئۆزىنىڭ كېچىدە پالانى ئايال بىلەن ناچار ئىش قىلغانلىقىنى باشقىلارغا پەخىرلىنىپ سۆزلەپ بېرىدۇ، ئاللاھنىڭ يوشۇرىشى، ئورىشى بىلەن تاڭ ئاتقۇزۇپ، كۈندۈزدە ئاللاھنىڭ پەردىسىنى يېرتىپ تاشلايدۇ.
...:
ئاللاھ تائالا ئۇنىڭ ئەيىبىنى يوشۇرغاندىن كېيىن خاتالىقىنى ئاشكارا قىلىش ئىنتايىن قەبىھ ئىشتۇر.
خاتالىقنى ئاشكارا قىلىش بولسا، مۇئمىنلەر ئارىسىدا ناچار ئىشلارنى تارقىتىشتىن ئىبارەتتۇر.
ئاللاھ تائالا دۇنيادا خاتالىقىنى يوشۇرۇپ يۆگىگەن كىشىنى ئاخىرەتتىمۇ يۆگەپ رەسۋا قىلمايدۇ. بۇ ئاللاھ تائالانىڭ بەندىلىرىگە قىلغان رەھمىتىنىڭ كەڭرى ئىكەنلىكىدىندۇر.
خاتالىق بىلەن سىنالغان كىشى خاتالىقىنى يوشۇرۇپ ئاللاھقا تەۋبە قىلىشقا ئالدىرىسۇن.
خاتالىقنى باشقىلارغا ئېلان قىلىپ بىلدۈرگەننىڭ جىنايىتى كاتتا بولىدۇ، گۇناھ-مەسىيەتنى ئاشكارا قىلغۇچىلار ئۆزلىرىنىڭ ئەپۇ ۋە مەغپىرەت قىلىنىش نېسىۋېسىنى يوقۇتۇپ قويىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ (10)
سەھى بۇخارى (8/ 20) (6069).
سەھى مۇسلىم (4/ 2291) (2990).
شرح رياض الصالحين.
لابن عثيمين (3/ 15).
منار القاري شرح مختصر صحيح البخاري.
لحمزة قاسم (5/ 251).
بهجة الناظرين شرح رياض الصالحين.
لسليم الهلالي (1/ 329).
نزهة المتقين شرح رياض الصالحين.
مجموعة من الباحثين (1/ 255).
كىتابلاردا نەقىل قىلىنغان
5 كىتابلارتېخىمۇ كۆپ (5)
- الحقيقة المُبْهِرَة في العلاقة بين الإسلام والإنسان(كل أمتي مُعَافىً إلّا المجاهرين، وإنّ من المجاهرة أن يعمل الرجل بالليل عملاً ، ثم يصبح وقد ستره الله عليه، فيقول: يا فلان عملت البارحة كذا وكذا، وقد بات يستره ربه، ويصبح يكشف ستر الله عنه)[162].
- الله -جل جلاله- أنيس المحبين وملاذ القاصدين«كُلُّ أُمَّتِي مُعَافـًى إِلَّا المُجَاهِرِينَ، وَإِنَّ مِنَ المُجَاهَرَةِ: أَنْ يَعْمَلَ الرَّجُلُ بِاللَّيْلِ عَمَلًا، ثُمَّ يُصْبِحَ وَقَدْ سَتَرَهُ اللهُ عَلَيْهِ، فَيَقُوْلُ: يَا فُلاَنُ! عَمِلْتُ البَارِحَةَ كَذَا وَكَذَا، وَقَدْ بَا
- ترجمة المقاطع المرئية - مشروع هدايات 1(كل أُمتي معافى إلا المجاهرين)
- قاموس الكبائر موسوعة الكبائر - المجموعة الأولى«كُلُّ أُمَّتِي مُعَافى إِلَّا المُجَاهِرِيْنَ» [178].
- قاموس الكبائر«كُلُّ أُمَّتِي مُعَافى إِلَّا المُجَاهِرِيْنَ» [178].