«ئۆيۈڭلارنى قەبرىستانلىق قىلىۋالماڭلار، مېنىڭ قەبرەمنى تەكرار تاۋاپ قىلىدىغان جاي قىلىۋالماڭلار، ماڭا دۇرۇت-سالام يوللاڭلار، ھەقىقەتەن سىلەر قەيەردە بولساڭلار سىلەرنىڭ يوللىغان دۇرۇت-سالامىڭلار ماڭا يەتكۈزۈلىدۇ».
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ئۆيۈڭلارنى قەبرىستانلىق قىلىۋالماڭلار، مېنىڭ قەبرەمنى تەكرار تاۋاپ قىلىدىغان جاي قىلىۋالماڭلار، ماڭا دۇرۇت-سالام يوللاڭلار، ھەقىقەتەن سىلەر قەيەردە بولساڭلار سىلەرنىڭ يوللىغان دۇرۇت-سالامىڭلار ماڭا يەتكۈزۈلىدۇ».
«لَا تَجْعَلُوا بُيُوتَكُمْ قُبُورًا، وَلَا تَجْعَلُوا قَبْرِي عِيدًا، وَصَلُّوا عَلَيَّ؛ فَإِنَّ صَلَاتَكُمْ تَبْلُغُنِي حَيْثُ كُنْتُمْ».
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆيلەرنى نامازدىن خالى قىلىپ، ھېچ قاچان ناماز ئادا قىلىنمايدىغان قەبرىستانلىققا ئوخشاش قىلىۋېلىشتىن چەكلىگەن. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىنىڭ قەبرىسىنى تەكرار زىيارەت قىلىشتىن، قەبرىسىنىڭ يېنىدا مەلۇم ۋاقىتنى بېكىتىپ توپلىشىۋېلىشتىن چەكلىدى، چۈنكى ئۇ شېرىككە ئېلىپ بارىدىغان ئىشتۇر. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۈممىتىنى زېمىننىڭ قايسى يېرىدە بولسا ئۆزىگە دۇرۇت-سالام يوللاشقا بۇيرىدى، چۈنكى ئۇلارنىڭ يوللىغان دۇرۇت-سالاملىرى ئۇلار يىراقتا بولسۇن ياكى يېقىندا بولسۇن ئوخشاشلا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا يېتىدۇ، دائىم ئۇنىڭ قەبرىسىگە كېلىشگە ھاجەت بولمايدۇ.
ولا تجعلوا قبري عيدًا: العيد: ما يعتاد مجيئه وقصده من زمان ومكان، أي: لا تتخذوا قبري محل اجتماعٍ تترددون إليه وتعتادونه للصلاة والدعاء وغير ذلك.
ئۆيلەرنى ئاللاھنىڭ ئىبادىتىدىن بوش قويۇپ قويۇشتىن چەكلىگەن.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسىنى زىيارەت قىلىش ئۈچۈن سەپەر قىلىشتىن چەكلەش، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىگە دۇرۇت-سالام يوللاشقا بۇيرىدى، قەيەردىن يوللىسا ئۆزىگە يېتىدىغانلىقىنى بايان قىلىدى. ھەقىقەتەن بۇ تۈردىكى سەپەرلەر مەسچىتنى زىيارەت قىلىش ۋە ناماز ئادا قىلىشنى مەقسەت قىلىش ئۈچۈن بولىدۇ.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قەبرىسىنى تەكرار زىيارەت قىلىدىغان ئورۇن قىلىۋېلىشنىڭ، ئۇنى مەخسۇس يول بىلەن، مەخسۇس بىر زاماندا تەكرار زىيارەت قىلىدىغان ئورۇن قىلىۋېلىش ھارام قىلىندى، شۇنىڭدەك ھەر قانداق قەبرىنى مۇشۇ شەكىلدە زىيارەت قىلىشمۇ ھارام قىلىندى.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئاللاھنىڭ ھوزۇرىدىكى ئىززەت-ھۆرمىتى، ھەر قانداق ئورۇن ۋە ۋاقىتتا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامغا دۇرۇت-سالام يوللاشنىڭ يولغا قويۇلغانلىقىنى بىلدۈرۈش.
قەبرىستاندا ناماز قىلىشتىن ساھابىلارنىڭ ھەممىسى چەكلەيتتى. شۇنىڭ ئۈچۈن پەيغەمبەرئەلەيھىسسلام ئۆيلەرنى ناماز ئوقۇلمايدىغان قەبرىستانلىققا ئوخشاش قىلىپ قويۇشتىن چەكلىدى.
تېخىمۇ كۆپ (5)
سۈنەن ئەبۇ داۋۇد. (3/ 385) (2042).
الجديد في شرح كتاب التوحيد.
لمحمد القرعاوي (ص202).
الملخص في شرح كتاب التوحيد.
لصالح الفوزان (ص185).
كىتابلاردا نەقىل قىلىنغان
7 كىتابلارتېخىمۇ كۆپ (7)
- المختصر في آداب السفر وصفة الحج والعمرة وآداب الزيارة والأدعية الجامعة مع ملحق بالفتاوى والمخالفات3- المختصر في آداب زيارة المسجد النبوي وأحكامها (للحرمين)«لَا تَجْعَلُوا بُيُوتَكُمْ قُبُورًا، وَلَا تَجْعَلُوا قَبْرِي عِيدًا، وَصَلُّوا عَلَيَّ، فَإِنَّ صَلَاتَكُمْ تَبْلُغُنِي حَيْثُ كُنْتُمْ» [2].
- المختصر في آداب زيارة المسجد النبوي وأحكامهاالمختصر في آداب زيارة المسجد النبوي وأحكامها (للحرمين)«لَا تَجْعَلُوا بُيُوتَكُمْ قُبُورًا، وَلَا تَجْعَلُوا قَبْرِي عِيدًا، وَصَلُّوا عَلَيَّ، فَإِنَّ صَلَاتَكُمْ تَبْلُغُنِي حَيْثُ كُنْتُمْ» [2].
- حصن المسلم من أذكار الكتاب والسنةحصن المسلم«لَا تَجْعَلُوا قَبْرِي عِيدًا وَصَلُّوا عَلَيَّ؛ فَإِنَّ صَلَاتَكُم تَبْلُغُنِي حَيْثُ كُنْتُمْ»[266].
- رسالة في الأذكار1«لَا تَجْعَلُوا قَبْرِي عِيدًا، وَصَلُّوا عَلَيَّ؛ فَإِنَّ صَلَاتَكُمْ تَبْلُغُنِي حَيْثُ كُنْتُمْ».
- كتاب التوحيدكتاب التوحيد للشيخ محمد بن عبد الوهاب((لاَ تَجْعَلُوا بُيُوتَكُمْ قُبُورًا، وَلاَ تَجْعَلُوا قَبْرِي عِيدًا، وَصَلُّوا عَلَيَّ؛ فَإِنَّ صَلاَتَكُمْ تَبْلُغُنِي حَيْثُ كُنْتُمْ))
- مجموعة زاد العقيده (4)العقيدة 4«لا تَجْعَلُوا بُيُوتَكُمْ قُبُورًا، وَلا تَجْعَلُوا قَبْرِي عِيدًا، وَصَلُّوا عَلَيَّ؛ فَإِنَّ صَلاتَكُمْ تَبْلُغُنِي حَيْثُ كُنْتُمْ».
- موسوعة الإيمان«وَصَلُّوا عَلَيَّ؛ فَإِنَّ صَلَاتَكُمْ تَبْلُغُنِي حَيْثُ كُنْتُمْ».