Skip to content

مۇئ‍مىنلەردىن كامالى ئىمانغا ئىگە كىشىلەر ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل بولغان كىشىلەردۇر. سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئاياللىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلغانلىرىڭلاردۇر».

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

مۇئ‍مىنلەردىن كامالى ئىمانغا ئىگە كىشىلەر ئەخلاقى ئەڭ گۈزەل بولغان كىشىلەردۇر. سىلەرنىڭ ئەڭ ياخشىلىرىڭلار ئاياللىرىغا ياخشى مۇئامىلە قىلغانلىرىڭلاردۇر».

«أَكْمَلُ الْمُؤْمِنِينَ إِيمَانًا أَحْسَنُهُمْ خُلُقًا، وَخَيْرُكُمْ خَيْرُكُمْ لِنِسَائِهِمْ».

ئەبۇ داۋۇد، تىرمىزى، ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان
حديث حسن
شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىشىلەرنىڭ ئەخلاقى گۈزەل بولغانلىرىنىڭ ئىمانىنىڭ مۇكەممەل بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى. ئەخلاقى گۈزەل دېگەنلىك: خۇش چېراي بولۇش، ياخشىلىق قىلىش، چېرايلىق سۆز قىلىش ۋە باشقىلارغا ئەزىيەت يەتكۈزمەسلىك قاتارلىقلاردۇر. مۇئ‍مىنلەرنىڭ ئەڭ ياخشىسى؛ ئۆزىنىڭ ئاياللىرىغا قىزلىرىغا، ھەمشىرىلىرىگە، يېقىن ئايال تۇغقانلىرىغا ياخشى مۇئامىلىدە بولغانلىرىدۇر، چۈنكى ئۇلار كىشىلەر ئارىسىدا گۈزەل ئەخلاق بىلەن مۇئامىلە قىلىنىشقا ئەڭ لايىق بولغانلاردۇر.

سۆزلەرنىڭ مەناسى

....:

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

گۈزەل ئەخلاقنىڭ پەزىلىتى بايان قىلىنىدۇ، چۈنكى ئۇ ئىماندىندۇر.

ئەمەل ئىماننىڭ جۈملىسىدىندۇر، ئىمان زىيادە ۋە كەم بولىدۇ.

ئىسلام دىنى ئاياللارنى ئىززەت-ئىكرام قىلىپ، ئۇلارغا ئالاھىدە ياخشىلىق قىلىشقا بۇيرىدى.

مەنبەلەر
تېخىمۇ كۆپ (11)

سۈنەن ئەبۇ داۋۇد. (7/ 70) (4682).

سۈنەن تىرمىزى (2/ 454) (1162).

مسند أحمد ط الرسالة (12/ 364) (7402).

سلسلة الأحاديث الصحيحة وشيء من فقهها وفوائدها.

للألباني (1/ 573).

بهجة الناظرين شرح رياض الصالحين.

لسليم الهلالي (1/ 362).

شرح رياض الصالحين.

لابن عثيمين (3/ 130).

كنوز رياض الصالحين.

لمجموعة من الباحثين (5/ 234).