«بىر تۈركۈم كىشىلەر ئاللاھنىڭ ماللىرىنى توغرا بولمىغان يوللارغا تەسەررۇپ قىلىدۇ، قىيامەت كۈنىدە ئۇلار دوزاخقا مەھكۇم بولىدۇ».
خوۋلە ئەنسارىي رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم دەيدۇ:
«بىر تۈركۈم كىشىلەر ئاللاھنىڭ ماللىرىنى توغرا بولمىغان يوللارغا تەسەررۇپ قىلىدۇ، قىيامەت كۈنىدە ئۇلار دوزاخقا مەھكۇم بولىدۇ».
«إِنَّ رِجَالًا يَتَخَوَّضُونَ فِي مَالِ اللهِ بِغَيْرِ حَقٍّ، فَلَهُمُ النَّارُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ».
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىر تۈركۈم كىشىلەرنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ مال-مۈلكىنى قانۇنسىز يوللار بىلەن ئېلىپ، توغرا بولمىغان يوللارغا سەرپ قىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىدۇ، بۇ مال-دۇنيانى ھالال بولمىغان يوللار ۋە كەسىپلەر بىلەن توپلاش، ئۇنى توغرا بولمىغان ئىشلارغا سەرپ قىلىشتىن ئىبارەت ئومۇمى مەنانى بىلدۈرىدۇ، بۇنىڭ قاتارىغا يېتىمنىڭ، ۋەقپىنىڭ مال-مۈلكىنى يېۋېلىش، ئامانەتكە تېنىۋېلىش، ئومۇمنىڭ مېلىنى ھەقسىز ئېلىۋېلىش قاتارلىق ئىشلارمۇ كېرىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارنىڭ جازاسىنىڭ ئاخىرەتتە دوزاخ بولىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەردى.
...:
كىشىلەرنىڭ قوللىرىدىكى مال بولسا ئاللاھنىڭ مېلى بولۇپ، ئاللاھ ئۇ ماللارنى توغرا ئىشلارغا سەرپ قىلىش ۋە توغرا بولمىغان يوللارغا سەرپ قىلىپ بۇزۇپ-چېچىشتىن يىراق بولۇشى ئۈچۈن ئىنسانلارنى ئۇنىڭغا ئىگە قىلدى، بۇ ھۆكۈم رەھبەرلەرگە ۋە ئۇلاردىن باشقا بارلىق كىشىلەرگە ئومۇمدۇر.
ئومۇمنىڭ مېلىنى شەرىئەت قانۇنى كۈچلۈك قوغدايدۇ، كىمكى ئومۇمنىڭ مېلىدىن بىر نەرسىگە ئىگە بولىدىكەن، قىيامەت كۈنىدە ئۇنىڭ توپلىغان ۋە سەرپ قىلغان ھەممە ئىشلىرىدىن ھېساب ئېلىنىدۇ.
ئۆزىنىڭ ۋە باشقىلارنىڭ مال-مۈلكىنى توغرا بولمىغان ئىشلارغا سەرپ قىلغانلارمۇ ھېساب ئېلىنىدىغان بۇ شەرئىي قانۇننىڭ دائىرىسىگە كېرىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ (7)
سەھى بۇخارى (4/ 85) (3118).
فتح ذي الجلال والاكرام بشرح بلوغ المرام.
لابن عثيمين (6/ 372).
منحة العلام في شرح بلوغ المرام.
لعبد الله الفوزان (10/ 231).
توضيح الأحكام من بلوغ المرام.
للبسام (7/ 424).
كىتابلاردا نەقىل قىلىنغان
2 كىتابلارتېخىمۇ كۆپ (2)
- رياض الصالحينرياض الصالحين مع فوائد وهدايات - 2«إِنَّ رِجَالاً يَتَخَوّضُونَ فِي مَالِ الله بِغَيْرِ حَقٍّ، فَلَهُمُ النَّارُ يَوْمَ الْقِيَامَةِ».
- قاموس الكبائرموسوعة الكبائر - المجموعة الثانية«إِنَّ رِجَالًا يَتَخَوَّضُونَ فِي مَالِ اللَّهِ بِغَيْرِ حَقٍّ، فَلَهُمُ النَّارُ يَوْمَ القِيَامَةِ» [6].