«سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئائىلىسىگە قايتقاندا ئائىلىسىدە سېمىز ھامىلدار ئۈچ تۆگە بولىشىنى ياقتۇرامدۇ؟
ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«سىلەرنىڭ بىرىڭلار ئائىلىسىگە قايتقاندا ئائىلىسىدە سېمىز ھامىلدار ئۈچ تۆگە بولىشىنى ياقتۇرامدۇ؟»دېگەن ئېدى، بىز: ھەئە دېدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: سىلەرنىڭ بىرىڭلارنىڭ نامىزىدا ئۈچ ئايەت ئوقۇشى ئۇ كىشى ئۈچۈن سېمىز ھامىلدار ئۈچ تۆگە بولغاندىن ياخشىدۇر» دېدى.
«أَيُحِبُّ أَحَدُكُمْ إِذَا رَجَعَ إِلَى أَهْلِهِ أَنْ يَجِدَ فِيهِ ثَلَاثَ خَلِفَاتٍ عِظَامٍ سِمَانٍ؟» قُلْنَا: نَعَمْ. قَالَ: «فَثَلَاثُ آيَاتٍ يَقْرَأُ بِهِنَّ أَحَدُكُمْ فِي صَلَاتِهِ خَيْرٌ لَهُ مِنْ ثَلَاثِ خَلِفَاتٍ عِظَامٍ سِمَانٍ».
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نامازدا ئۈچ ئايەت ئوقۇغاننىڭ ئەجىر-ساۋابىنىڭ ئىنسان ئۆيىگە قايتقاندا سېمىز ئۈچ ھامىلدار تۆگىنى تاپقاندىنمۇ ياخشى بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.
...:
نامازدا قۇرئان تىلاۋەت قىلىشنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.
ياخشى ئەمەللەر يوقالغۇچى دۇنيا مەنپەئەتىدىن ياخشىدۇر ۋە مەڭگۈ قالغۇچىدۇر.
بۇ ئارتۇقچىلىق پەقەت ئۈچ ئايەت تىلاۋەت قىلىشقا باغلىق ئەمەس، ناماز ئادا قىلغۇچى نامىزىدا ئايەتنى قانچە كۆپ ئوقۇسا ئۇنىڭ ئەجىر-ساۋابى تۆگۈلەرنىڭ سانىدىن ياخشى بولىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ (5)
سەھى مۇسلىم (1/ 552) (802).
إكمال المعلم (3/172).
الإفصاح عن معاني الصِّحاح (8/65).
فتح المنعم شرح صحيح مسلم (3/620).
البحر المحيط الثجاج (16/343).
كىتابلاردا نەقىل قىلىنغان
2 كىتابلارتېخىمۇ كۆپ (2)
- الذكر والدعاء والعلاج بالرقي من الكتاب والسنة"أيحب أحدكم إذا رجع إلى أهله أن يجد فيه ثلاث خَلِفَاتٍ عِظامٍ سمانٍ؟ " قلنا نعم.
- المنتقى من المتجر الرابح في ثواب العمل الصالح - المعتمدالمنتقى من المتجر الرابح في ثواب العمل الصالح“أيحب أحدكم إذا رجع إلى أهله أن يجد فيه ثلاث خلفات عظام سمان؟” قلنا: نعم، قال: “فثلاث آيات يقرأ بهن أحدكم في صلاته، خير له من ثلاث خلفات عظام سمان”.