«ھەر قانداق بالاغەتكە يەتكەن كىشىنىڭ ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن جۈمە كۈنىدە يۇيۇنۇشى، مېسۋاك قىلىشى ۋە ئەگەر تاپالىسا خۇشپۇراق نەرسىلەرنى ئىشلىتىشى ۋاجىپ بولىدۇ».
ئەمىر بىن سۇلەيىم ئەنسارى مۇنداق دەيدۇ: مەن ئەبۇ سەئىيد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن، ئەبۇ سەئىيد: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىگە گۇۋاھلىق بېرىمەن:
«ھەر قانداق بالاغەتكە يەتكەن كىشىنىڭ ئەر بولسۇن ياكى ئايال بولسۇن جۈمە كۈنىدە يۇيۇنۇشى، مېسۋاك قىلىشى ۋە ئەگەر تاپالىسا خۇشپۇراق نەرسىلەرنى ئىشلىتىشى ۋاجىپ بولىدۇ».
«الغُسْلُ يَوْمَ الجُمُعَةِ وَاجِبٌ عَلَى كُلِّ مُحْتَلِمٍ، وَأَنْ يَسْتَنَّ، وَأَنْ يَمَسَّ طِيبًا إِنْ وَجَدَ».
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام جۈمە كۈنىدە جۈمە نامىزى ۋاجىپ بولغان مۇسۇلمانلاردىن بالاغەتكە يەتكەنلەرنىڭ يۇيۇنىشىنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. مىسۋاك ياكى باشقا نەرسىلەر بىلەن چېشىنى تازىلايدۇ. خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىدۇ.
...:
بالاغەتكە يەتكەن ھەر بىر مۇسۇلماننىڭ جۈمە كۈنىدە يۇيۇنىشىنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەيدۇ.
پاكىزلىنىش، ياقتۇرۇلمايدىغان پۇراقلارنى يوق قىلىش مۇسۇلمان ئۈچۈن شەرئى تەلەپتۇر.
جۈمە كۈنىنى ئۇلۇغلاش ۋە ئۇ كۈنگە تەييارلىق قىلىش.
جۈمە ئۈچۈن مىسۋاك ئىشلىتىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش.
جۈمەگە بېرىشتىن بۇرۇن ھەرقانداق خۇشبۇي نەرسە بولسا ئىشلىتىشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكىنى بايان قىلىدۇ.
ئايال ئۆيىدىن ناماز ياكى باشقا ئىشلىرى ئۈچۈن سىرتقا چىققان ۋاقتىدا خۇشبۇي نەرسىلەرنى ئىشلىتىشى توغرا بولمايدۇ، چۈنكى سۈننەت بۇنداق قىلىشنىڭ ھاراملىقىنى ئىسپاتلايدۇ.
بالاغەتكە يەتكەنلىك قىزلارغا بولسۇن ياكى ئوغۇللارغا بولسۇن مۇنداق ئۈچ ئىشنىڭ بىرى بىلەن ئىسپاتلىنىدۇ: بىرىنچى: ئون بەش ياشنى تولۇقلاش. ئىككىنچى: ئەۋرەتلىرىنىڭ ئەتراپىغا تۈك ئۈنۈش . ئۈچىنچى: ئېھتىلام بولسۇن ياكى بولمىسۇن شەھۋەت بىلەن مەنىي چىقىش، ئەمما تۆتىنچى ئالامەت بولسا: قىزلارنىڭ ئادەت كۆرۈشىدىن ئىبارەتتۇر، قىز بالا ھەيز كۆرسە بالاغەتكە يەتكەن بولىدۇ.
(6/ 134).
تېخىمۇ كۆپ (13)
سەھى بۇخارى (2/ 3) (880).
سەھى مۇسلىم (2/ 580) (846).
مختار الصحاح.
لزين الدين الرازي (ص155).
شرح صحيح البخاري.
لابن بطال (2/ 468).
شرح النووي على مسلم.
توضيح الأحكام شرح بلوغ المرام.
للبسام (1/ 382).
فتح ذي الجلال والإكرام شرح بلوغ المرام.
لابن عثيمين (1/ 330).
منار القاري شرح مختصر صحيح البخاري.
لحمزة قاسم (2/ 234).
كىتابلاردا نەقىل قىلىنغان
4 كىتابلارتېخىمۇ كۆپ (4)
- المختصر المفيد للمؤذن والإمام والخطيب وأحكام المساجد«الغُسْلُ يَوْمَ الجُمُعَةِ وَاجِبٌ عَلَى كُلِّ مُحْتَلِمٍ، وَأَنْ يَسْتَنَّ -أَيْ: يَسْتَاكُ- وَأَنْ يَمَسَّ طِيبًا إِنْ وَجَدَ»
- رياض الصالحينرياض الصالحين مع فوائد وهدايات - 6«غُسْلُ يَوْمِ الجُمُعَةِ وَاجِبٌ عَلىٰ كُلِّ مُحْتَلِمٍ».
- فضائل وآداب المسجد النبويفضائل وآداب المسجد النبوي، وأحكام زيارة قبر النبي عليه الصلاة والسلام وقبري صاحبيه«الغُسْلُ يَوْمَ الجُمُعَةِ وَاجِبٌ عَلَى كُلِّ مُحْتَلِمٍ، وَأَنْ يَسْتَنَّ، وَأَنْ يَمَسَّ طِيبًا إِنْ وَجَدَ»[7]،
- ما لا يسع أطفال المسلمين جهله«غُسْلُ يَوْمِ الجُمُعَةِ وَاجِبٌ عَلَى كُلِّ مُحْتَلِمٍ»[57].