Skip to content
آل عِمران /

ئايەت ٧٥

٣ : ٧٥
آل عِمران ئايەتلەر ٢٠٠
سۈرە · آل عِمران
الترجمة الأويغورية - محمد صالح
٣ : ٧٥

۞ وَمِنۡ أَهۡلِ ٱلۡكِتَٰبِ مَنۡ إِن تَأۡمَنۡهُ بِقِنطَارٖ يُؤَدِّهِۦٓ إِلَيۡكَ وَمِنۡهُم مَّنۡ إِن تَأۡمَنۡهُ بِدِينَارٖ لَّا يُؤَدِّهِۦٓ إِلَيۡكَ إِلَّا مَا دُمۡتَ عَلَيۡهِ قَآئِمٗاۗ ذَٰلِكَ بِأَنَّهُمۡ قَالُواْ لَيۡسَ عَلَيۡنَا فِي ٱلۡأُمِّيِّـۧنَ سَبِيلٞ وَيَقُولُونَ عَلَى ٱللَّهِ ٱلۡكَذِبَ وَهُمۡ يَعۡلَمُونَ

ئەھلى كىتابتىن بەزى كىشىلەر باركى، ئۇنىڭدا كۆپ مال ئامانەت قويساڭمۇ ساڭا ئۇنى قايتۇرۇپ بېرىدۇ؛ ئۇلاردىن يەنە بەزى كىشىلەرمۇ باركى، ئۇنىڭدا بىر دىنار ئامانەت قويساڭمۇ ئۇنىڭ بېشىدا تۇرمىغىچە (يەنى قايتا ـ قايتا سۈيلىمىگۈچە) ئۇنى ساڭا قايتۇرۇپ بەرمەيدۇ. بۇ شۇنىڭ ئۈچۈنكى، ئۇلار: «ئۇممىيلەرنىڭ مېلىغا خىيانەت قىلساق بىزگە گۇناھ بولمايدۇ (يەنى بىزنىڭ دىنىمىزدا بولمىغانلارنىڭ ماللىرى بىزگە ھارام ئەمەس)» دەيدۇ، ئۇلار بىلىپ تۇرۇپ ئاللاھ نامىدىن يالغاننى توقۇيدۇ(75).