Skip to content
251 ھەدىس

پەيغەمبەر ھەدىسلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى

نەتىجىلەرنى سۈزۈش

251 كارتادىن 135

سۈزگۈچلەرنى تازىلاش

ھەدىسنىڭ دەرىجىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: ئاللاھنىڭ نەزىرىدە قايسى گۇناھ كاتتا ؟ دەپ سورىسام، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سېنى ياراتقان ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشۈڭ دېدى»، بۇ ھەقىقەتەن كاتتا گۇناھ، ئۇنىڭدىن كېين قايسى؟ دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«پىقىرلىقتىن قورقۇپ، بالاڭنىڭ سەن بىلەن بىرگە يېمەك يېيىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنى ئۆلتۈرىۋېتىشىڭ»دېدى، مەن: ئۇنىڭدىن كېين قايسى؟ دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«خوشناڭنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىشىڭ»دېدى.
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ھاجەتخانىغا كىرسە: «ئى ئاللاھ! مەن سىلىگە سېغىنىپ ئەركەك-چېشى شەيتانلاردىن پاناھلىق تېلەيمەن»دەيتتى.
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«سىلەرنىڭ دۇنيادىكى ئوتۇڭلار جەھەننەم ئوتىنىڭ يەتمىشتىن بىر قىسمىدۇر»، ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! دۇنيانىڭ ئوتىمۇ كۇپايە قىلاتتىغۇ؟ دېيىلگەن ئېدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «دۇنيانىڭ ئوتىغا ئاتمىش توققۇز ھەسسە ئارتۇق قىلىندى، ھەممىسىنىڭ كۆيدۈرىشى دۇنيانىڭ ئوتىغا ئوخشايدۇ» دېدى.
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
مەندىن مەزى كۆپ كېلەتتى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ قىزى پاتىمە ئايالىم بولغانلىقى ئۈچۈن مەن بۇ سوئالنى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن سوراشتىن ھايا قىلىپ، مىقداد بىن ئەسۋەدنى سوراشقا بۇيرىدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:«ئەۋرىتىنى يۇيىدۇ ۋە تاھارەت ئالىدۇ»، بۇخارىينىڭ رىۋايىتىدە:«تاھارەت ئالغىن ۋە ئەۋرىتىڭنى يۇغىن» دېگەن.
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«ئىلىمنىڭ كۆتۈرۈلۈپ كېتىشى، نادانلىقنىڭ كۆپ بولىشى، زىنانىڭ يامرىشى، ھاراق ئېچىدىغانلارنىڭ كۆپ بولىشى، ئەرلەرنىڭ سانى ئاز بولۇپ ئاياللار سانىنىڭ ھەددىدىن زىيادە كۆپ بولىشى ھەتتا ئەللىك ئايالنىڭ ئىشىنى بىر ئەرنىڭ ئىدارە قىلىشى قىيامەتنىڭ ئالامەتلىرىدىندۇر».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كېچىك بالىنىڭ ياكى چوڭلارنىڭ بولسۇن بېشىنىڭ چېچىنىڭ بەزى جايلىرىنى ئالدۇرۇپ بەزى جايلىرىنى قويۇپ قويۇشتىن چەكلىگەن».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«جىبرائىل ئەلەيھىسسالام دائىم ماڭا خوشنىغا ياخشىلىق قىلىشنى تەۋسىيە قىلغانلىقىدىن ھەتتا خوشنىنى مىراسخۇر قىلىپ قويامدىكىن دەپ ئويلاپ قالغان ئىدىم».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«ئىككى مۇسۇلمان بىر-بىرىگە قىلىچ كۆتۈرۈپ ئۇچراسسا، ئۆلگۈچى ۋە قاتىل ھەر ئىككىسى دوزاختا بولىدۇ» مەن: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! قاتىلغۇ دوزاخقا كىرسۇن، ئەمما ئۆلتۈرۈلگۈچىنىڭ نېمە خاتالىقى بار؟ دەپ سورىسام، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئۇمۇ ئۆزىنىڭ ھەمراھىنى ئۆلتۈرۈشكە ھېرىس بولغان» دېدى.
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن