Skip to content
251 ھەدىس

پەيغەمبەر ھەدىسلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى

نەتىجىلەرنى سۈزۈش

251 كارتادىن 86

سۈزگۈچلەرنى تازىلاش
«ھەقىقەتەن ئاللاھ تائالا ياخشىلىقتا مۇئ‍مىنگە زۇلۇم قىلمايدۇ، دۇنيادا بېرىدۇ، ئاخىرەتتە ئۇنىڭ بىلەن مۇكاپاتلايدۇ، ئەمما كاپىرغا بولسا دۇنيادا قىلغان ياخشى ئىشلىرىغا كۆرە رىزىق بېرىلىدۇ، ئاخىرەتكە بارغاندا كاپىرنىڭ مۇكاپاتلىنىدىغان ياخشىلىقى بولمايدۇ.
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى
بىز توققۇز ياكى سەككىز ياكى يەتتە نەپەر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىدا ئىدۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا بەيئەت قىلمامسىلەر؟ دېدى، بىز يېڭىدىن بەيئەت قىلغان ئىدۇق، بىز: ئەي ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بىز سىلىگە بەيئەت قىلدۇق دېدۇق، ئاندىن پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا بەيئەت قىلمامسىلەر؟ دېدى، بىز: ئەي ئاللاھنىڭ رۇسۇلى! بىز سىلىگە بەيئەت قىلدۇق دېدۇق، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئاللاھنىڭ رەسۇلىغا بەيئەت قىلمامسىلەر؟ دېدى، بىز قولىمىزنى ئېچىپ: ئەي ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بىز سىلىگە بەيئەت قىلدۇق، سىلىگە نېمىگە بەيئەت قىلىمىز؟دېدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«يالغۇز بىر ئاللاھقا ئىبادەت قىلىسىلەر، ئاللاھقا ھېچ نەرسىنى شېرىك كەلتۈرمەيسىلەر، بىر كېچە-كۈندۈزدە پەرز قىلىنغان بەش ۋاقىت نامازنى ئادا قىلىسىلەر، رەھبەرلەرگە ئىتائەت قىلىسىلەر(بىر سۆزنى مەخپى قىلدى) ئىنسانلاردىن بىر نەرسىنى سورىمايسىلەر»، مەن ئاشۇ كىشىلەرنىڭ بەزىسىنى كۆردۈم ئۇلارنىڭ بىرىنىڭ قامچىسى يەرگە چۈشۈپ كەتسىمۇ ھېچ بىر كىشىدىن ئۇنى ئېلىۋېتىڭلار دەپ سورىمايتتى».
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى
بەنى ئامىرنىڭ ئەلچىلىرى بىلەن بىرگە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا باردىم، بىز: سىلە بىزنىڭ خوجىمىز، ئىگىمىز دېدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئىگىمىز،، خوجىمىز ئاللاھ» دېدى، بىز: سىلە بىزنىڭ پەزىلەتتە ئەڭ ئەۋزىلىرىمىز، بىزنىڭ كاتتىمىز، چوڭىمىز دېدۇق، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سىلەر ئادەتلەنگەن سۆزۇڭلارنى دەڭلار، ئارتۇق تەكەللۇپ قىلماڭلار، شەيتان سىلەرنى چەكلەنگەن سۆزلەرنى قىلىشقا جۈرئەتلەندۈرمىسۇن» دېدى.
تېكىست توغرا ئەبۇ داۋۇد ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان
«كىمكى قەرزدارغا مۆھلەت بەرسە ياكى ئۇنىڭدىن قەرزنى ئۆتىۋەتسە، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى ئۆزىنىڭ ئەرشىنىڭ سايىسىدىن باشقا سايە بولمىغان قىيامەت كۈنىدە ئەرشنىڭ سايىسى ئاستىدا سايىدىتىدۇ».
تېكىست توغرا تىرمىزى ۋە ئەھمەد رىۋايەت قىلغان
«مۇناپىق دېگەن: ئىككى توپ قوينىڭ ئارىسىدا بىر قېتىم ئۇ تەرەپكە يەنە بىر قىتىم بۇ تەرەپكە كېلىپ تۇرىدىغان سەرگەردان قويغا ئوخشايدۇ».
تېكىست توغرا مۇسلىم رىۋايىتى
مەن: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! مېنىڭ جاھىلىيەت دەۋرىدە ئىبادەت دەپ قىلىدىغان سەدىقە، قۇل ئازاد قىلىش، ئۇرۇغ-تۇغقانچىلىقنى ئۇلاش قاتارلىق ئىشلىرىمغا ئەجىر بولامدۇ؟ ماڭا بۇ توغرىدا خەۋەر بەرسىلە دېسەم، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: «ئىلگىرى قىلغان ياخشىلىقىڭ بويۇنچە مۇسۇلمان بولغان بولساڭ ئەجىر-ساۋاپ بېرىلىدۇ» دېدى.
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
بىر ئادەم پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بىزنىڭ بىرىمىز كۆڭلىدە بىر نەرسىلەرنى تاپىدۇ، ئۇنى سۆزلىگىنىدىن ئۇ كىشىنىڭ كۆيۈپ كۈل بولۇپ كەتكىنى ياخشى بولىدۇ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھۇ ئەكبەر، ئاللاھۇ ئەكبەر، شەيتاننىڭ ھېلە-مىكرىنى ۋەسۋەسىگە قايتۇرىۋەتكەن ئاللاھقا چەكسىز ھەمدۇ-سانالار بولسۇن» دېدى.
تېكىست توغرا ئەبۇ داۋۇد ۋە نىسائى سۈنەن كۇبرادا رىۋايەت قىلغان
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن: ئاللاھنىڭ نەزىرىدە قايسى گۇناھ كاتتا ؟ دەپ سورىسام، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «سېنى ياراتقان ئاللاھقا شېرىك كەلتۈرۈشۈڭ دېدى»، بۇ ھەقىقەتەن كاتتا گۇناھ، ئۇنىڭدىن كېين قايسى؟ دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«پىقىرلىقتىن قورقۇپ، بالاڭنىڭ سەن بىلەن بىرگە يېمەك يېيىشىدىن ئەنسىرەپ ئۇنى ئۆلتۈرىۋېتىشىڭ»دېدى، مەن: ئۇنىڭدىن كېين قايسى؟ دېدىم، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام:«خوشناڭنىڭ ئايالى بىلەن زىنا قىلىشىڭ»دېدى.
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن