«قەبرىدە ئولتۇرماڭلار ۋە قەبرىستاندا ناماز ئوقۇماڭلار» .
ئەبى مەرسەد ئەلغەنەۋىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«قەبرىدە ئولتۇرماڭلار ۋە قەبرىستاندا ناماز ئوقۇماڭلار» .
«لَا تَجْلِسُوا عَلَى الْقُبُورِ، وَلَا تُصَلُّوا إِلَيْهَا».
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قەبرىنىڭ ئۈستىدە ئولتۇرۇشتىن چەكلىدى. شۇنىڭدەك قەبرىگە قاراپ ناماز ئوقۇشتىنمۇ چەكلىدى، يەنى ناماز ئوقۇغۇچى قىبلىگە قاراپ قەبرىگە يۈزلىنىپ ناماز ئوقۇشتىن چەكلەندى، چۈنكى ئۇ شېرىكنىڭ يوللىرىدىندۇر.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام قەبرىستانلىقتا ياكى قەبىرلەر ئارىسىدا ياكى قەبىرگە يۈزلىنىپ ناماز ئادا قىلىشتىن چەكلىدى، لېكىن جىنازە نامىزى بولسا بولىدۇ، چۈنكى بۇ ھەدىس بىلەن ئىسپاتلانغان.
شېرىككە ئىلىپ بارىدىغان يولنى ئېتىش ئۈچۈن قەبرىستانلىقتا ناماز ئوقۇش چەكلەندى.
ئىسلام دىنى قەبرى توغرىسىدا چەكتىن ئاشۇرىۋىتىش ۋە ئېتىبارغا ئالماسلىقتىن چەكلىدى، چۈنكى ئىسلامدا چەكتىن ئاشۇرىۋېتىش ۋە ئېتىبارغا ئالماسلىق يوقتۇر.
مۇسۇلماننىڭ ئىززەت-ھۆرمىتى ئۇ كىشى ۋاپات بولغاندىن كېيىنمۇ داۋاملىشىدۇ، بۇ توغرىدا پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن: «مېيىتنىڭ سۆڭىكىنى سۈندۈرۈش خۇددى ھايات ۋاقتىدا سۆڭىكىنى سۇندۇرغانغا ئوخشاشتۇر.
تېخىمۇ كۆپ (7)
سەھى مۇسلىم (2/ 668) (972).
توضيح الأحكام مِن بلوغ المرام.
لعبد الله البسام (2/ 30).
فتح ذي الجلال والإكرام شرح بلوغ المرام.
لمحمد العثيمين (1/ 522).
منحة العلام في شرح بلوغ المرام.
لعبد الله الفوزان (4/ 285).