Skip to content

«يېقىندا تاللاش ۋە دىندا بولمىغان مۇنكەر ئىشلار بولىدۇ»، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئۇ ۋاقىتتا بىزنى نېمە قىلىشقا بۇيرىيلا؟ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام :«سىلەر ئۈستۈڭلاردىكى ھەقنى ئادا قىلىڭلار، سىلەرنىڭ ھەققىڭلارنى ئاللاھدىن سوراڭلار».

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

«يېقىندا تاللاش ۋە دىندا بولمىغان مۇنكەر ئىشلار بولىدۇ»، ساھابىلار: ئى ئاللاھنىڭ رەسۇلى! ئۇ ۋاقىتتا بىزنى نېمە قىلىشقا بۇيرىيلا؟ دېگەن ئېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام :«سىلەر ئۈستۈڭلاردىكى ھەقنى ئادا قىلىڭلار، سىلەرنىڭ ھەققىڭلارنى ئاللاھدىن سوراڭلار».

«سَتَكُونُ أَثَرَةٌ وَأُمُورٌ تُنْكِرُونَهَا» قَالُوا: يَا رَسُولَ اللَّهِ فَمَا تَأْمُرُنَا؟ قَالَ: «تُؤَدُّونَ الحَقَّ الَّذِي عَلَيْكُمْ، وَتَسْأَلُونَ اللَّهَ الَّذِي لَكُمْ».

بىرلىككە كەلگەن
حديث صحيح
شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام يېقىندا مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىغا بەزى رەھبەرلەرنىڭ ئىگە بولىدىغانلىقى، ئۇلارنىڭ مۇسۇلمانلارنىڭ مېلىنى ۋە ئۇنىڭدىن باشقا دۇنيا ئىشلىرىنى تاللايدىغانلىقى، مالنى خالىغانچە تەسەررۇپ قىلىدىغانلىقى، مۇسۇلمانلارنى ئۇ مالدىكى ھەققىدىن چەكلەپ قويىدىغانلىقىنى خەۋەر بەردى. ئۇلارنىڭ ئېچىدە دىندا بولمىغان مۇنكەر ئىشلارنىڭ يۈز بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى. ساھابىلار: ئۇ ۋاقىتتا نېمە قىلىدىغانلىقىنى؟ سورىدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇلارغا خەۋەر بېرىپ، ئۇلارنىڭ مالنى يالغۇز ئىگەللىۋېلىشى سىلەرنى ئۈستۈڭلاردا ۋاجىپ بولغان ئاڭلاش ۋە ئىتائەت قىلىشتىن چەكلەپ قويمىسۇن، بەلكى سەۋېر قىلىپ، ئۇلارنىڭ سۆزىنى ئاڭلاپ، بۇيرىقىغا ئىتائەت قىلىپ ئىشتا تالاش-تارتىش قىلماڭلار، ئاللاھتىن ئۆزۇڭلارنىڭ ھەققىنى ۋە ئۇلارنى ئىسلاھ قىلىشنى سوراڭلار، ئۇلارنىڭ يامانلىق ۋە زۈلۇم قىلىشىدىن ساقلىشىنى ئاللاھ تائالادىن سوراڭلار.

سۆزلەرنىڭ مەناسى

الأَثَرَة: الاستئثار عليهم بأمور الدنيا والانفراد بها، عمن له فيه حق.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

بۇ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ پەيغەمبەرلىكىنى بىلدۈرىدىغان ھەدىس بولۇپ، ئىش ئۈممەتنىڭ ئېچىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام خەۋەر بەرگەندەك يۈز بەردى.

مۇسىيبەتكە ئۇچرىغۇچىغا ئۇنىڭغا كېلىدىغان مۇسىيبەتتىن خەۋەر بېرىش دۇرۇس بولىدۇ، چۈنكى ئۇ كىشىگە ئاشۇ مۇسىيبەت كەلسە، ئۇنىڭغا سەبرى قىلغۇچى ۋە ئۇنىڭ بىلەن ساۋاپ ئۈمىت قىلغۇچى بولۇشقا تەييارلىنىدۇ.

پىتنە ۋە ئىختىلاپتىن ساقلىنىشنىڭ يولى قۇرئان-ھەدىسكە چىڭ ئېسىلىشتۇر.

ياخشى ئىشلاردا مۇسۇلمانلارنىڭ ئىشلىرىغا ئىگە بولغان ئەمىر-رەھبەرلەرگە ئىتائەت قىلىشقا، گەرچە ئۇلاردىن زۇلۇم كۆرسىمۇ ئۇلارغا قارشى چىقماسلىققا رىغبەرلەندۈرۈش.

پىتنە بولغان زاماندا ھېكمەت بىلەن ئىش قىلىپ، سۈننەتكە ئەگىشىش زۆرۈر بولىدۇ.

گەرچە ئىنسانغا زۇلۇم يەتسىمۇ ئۆز ئۈستىدىكى ئادا قىلىشقا تېگىشلىك مەجبۇرىيەتنى ئادا قىلىشى كېرەك.

بۇ ھەدىس: ئىككى يامانلىقنىڭ تۆۋەنراقى ياكى ئىككى زىياننىڭ يەڭگىلراقىنى تاللاش دېگەن قائىدىگە دەلىل بولىدۇ.

مەنبەلەر
تېخىمۇ كۆپ (12)

سەھى بۇخارى (4/ 199) (3603).

سەھى مۇسلىم (3/ 1472) (1843).

بهجة الناظرين شرح رياض الصالحين.

لسليم الهلالي (1/ 720).

تطريز رياض الصالحين.

لفيصل آل مبارك (ص52).

كنوز رياض الصالحين.

لمجموعة من الباحثين (9/ 402).

شرح رياض الصالحين.

لابن عثيمين (1/ 280).

نزهة المتقين شرح رياض الصالحين.

لمجموعة من الباحثين (1/ 554).