«كىمكى رەمبال-پالچىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن بىر نەرسە سورىسا، ئۇ كىشىنىڭ قىرىق كۈنلۈك نامىزى قوبۇل بولمايدۇ».
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ بەزى ئاياللىرىنىڭ پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن بايان قىلغان ھەدىسىدە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«كىمكى رەمبال-پالچىنىڭ يېنىغا بېرىپ ئۇنىڭدىن بىر نەرسە سورىسا، ئۇ كىشىنىڭ قىرىق كۈنلۈك نامىزى قوبۇل بولمايدۇ».
«مَنْ أَتَى عَرَّافًا فَسَأَلَهُ عَنْ شَيْءٍ لَمْ تُقْبَلْ لَهُ صَلَاةٌ أَرْبَعِينَ لَيْلَةً».
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام رەمبال-پالچى، يۇلتۇزغا قاراپ خەۋەر بېرىدىغان مۇنەججىم قاتارلىقلارنىڭ يېنىغا بېرىشتىن ئاگاھلاندۇردى، چۈنكى ئۇلار غەيىپنى بىلىدىغاندەك بىر ئىشلارنى قىلىشقا باشلايدۇ، ھەتتا ئۇلاردىن پەقەت غەيبى ئىشلارنى سوراشنىڭ ئۆزىمۇ توغرا بولمايدۇ، ئۇنىڭ بىلەن ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى قىرىق كۈنلۈك نامازنىڭ ساۋابىدىن مەھرۇم قىلىدۇ. بۇ، ئۇ كىشىنىڭ سادىر قىلغان چوڭ خاتالىقى ۋە گۇناھىنىڭ جازاسىدۇر.
...:
رەمبال-پالچىلىق قىلىشنىڭ ۋە ئۇلارنىڭ يېنىغا بېرىپ بىر نەرسە سوراشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.
بەزى ۋاقىتتا ئىنسان ئۆزىنىڭ قىلغان خاتالىقىغا ئاساسەن قىلغان ياخشى ئەمەللىرىنىڭ ساۋابىدىن مەھرۇم قالىدۇ.
ھەدىستە بايان قىلىنغان ئىشلارنىڭ قاتارىغا: ئالقانغا قاراپ بىر نەرسە ئوقۇش، پىيالە ياكى ئاپتۇۋا چۆگۈلتىش، ئاسمان ئوربىتلىرى ۋە ئۇنىڭغا نەزەر سىلىپ ھۆكۈم قىلىش قاتارلىق ئىشلارمۇ كېرىدۇ. (گەرچە ئۇنى بىلىپ بىقىشنى مەقسەت قىلسىمۇ) چۈنكى شۇنىڭ ھەممىسى رەمبال-پالچىلىق ۋە غەيىپنى بىلىمەن دېگەننى دەۋا قىلىشتۇر.
ئەگەر رەمبال-پالچىنىڭ يېنىغا بارغاننىڭ جازاسى بۇنداق ئېغىر بولسا، ئۇنى قىلغۇچىنىڭ جازاسى قانداق بولار؟!!.
قىرىق كۈنلۈك نامىزى ئادا بولىدۇ، ئۇنىڭ قازاسىنى قىلىش كېرەك بولمايدۇ، لېكىن ئۇ نامازلارغا ساۋاپ بېرىلمەيدۇ.
تېخىمۇ كۆپ (6)
سەھى مۇسلىم (4/ 1751) (2230).
مۇسنەد ئەھمەد (27/ 197) (16638).
الجديد في شرح كتاب التوحيد.
للقرعاوي (ص238).
الملخص في شرح كتاب التوحيد.
للفوزان (ص213).
كىتابلاردا نەقىل قىلىنغان
12 كىتابلارتېخىمۇ كۆپ (12)
- التوحيد في ضوء عقيدة الإمام الشافعي رحمه الله ونصوصه ومروياته"من أتى عرافا فسأله عن شيء فصدقه، لم تقبل له صلاة أربعين يوما".([125])
- الصلاة التي علمها النبي ﷺ الصحابة رضي الله عنهمالصلاة التي علمها النبي ﷺ الصحابة رضي الله عنهم«مَنْ أَتَى عَرَّافًا فَسَأَلَهُ عَنْ شَيْءٍ، لَمْ تُقْبَلْ لَهُ صَلَاةٌ أَرْبَعِينَ لَيْلَةً»[410].
- الصلاة التي علمها النبي ﷺ الصحابة رضي الله عنهم«مَنْ أَتَى عَرَّافًا فَسَأَلَهُ عَنْ شَيْءٍ، لَمْ تُقْبَلْ لَهُ صَلَاةٌ أَرْبَعِينَ لَيْلَةً»[410].
- حكم السحر والكهانة(من أتى عرَّافاً فسأله عن شيء لم تقبل له صلاة أربعين يوماً)
- حكم السحر والكهانة(من أتى عرافاً فسأله عن شيء لم تقبل له صلاة أربعين ليلة)
- حكم السحر والكهانة(من أتى عرافاً فسأله عن شيء لم تقبل له صلاة أربعين يوماً)،
- حكم السحر والكهانة(من أتى عرافاً فسأله عن شيء لم تقبل له صلاة أربعين ليلة)
- عقيدة الأئمة الأربعة«مَنْ أَتَى عَرَّافًا فَسَأَلَهُ عَنْ شَيْءٍ، لَمْ تُقْبَلْ لَهُ صَلَاةٌ أَرْبَعِينَ لَيْلَةً»
- قاموس الكبائر موسوعة الكبائر - المجموعة الأولى«مَنْ أَتَى عَرَّافًا فَسَأَلَهُ عَنْ شَيْءٍ لَمْ تُقْبَلْ لَهُ صَلَاةٌ أَرْبَعِينَ لَيْلَةً» [146].
- قاموس الكبائر«مَنْ أَتَى عَرَّافًا فَسَأَلَهُ عَنْ شَيْءٍ لَمْ تُقْبَلْ لَهُ صَلَاةٌ أَرْبَعِينَ لَيْلَةً» [146].
- محرمات استهان بها كثير من الناسمن أتى عرافا فسأله عن شئ لم تقبل له صلاة أربعين ليلة
- مختصر نظـرات حول اضطرابات النفس وعلاجها من منظور شرعي(من أتى عرافاً فسأله عن شيء لم تقبل منه صلاة أربعين ليلة).