:«ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە - يېگانىدۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر، ئاللاھ كاتتىدۇر، جىمى ھەمدۇ-سانالار ئاللاھقا خاستۇر. ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھنى بارچە نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن، غالىب، ھېكمەتلىك ئاللاھنىڭ ياردىمىسىز ھېچقانداق كۈچ-قۇۋۋەت يوقتۇر
سەئەد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، ئۇ كىشى مۇنداق دەيدۇ:
بىر سەھرالىق كىشى پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: ماڭا بىر سۆز ئۆگىتىپ قويغان بولسىلا، دېۋىدى، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام:«ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە - يېگانىدۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر، ئاللاھ كاتتىدۇر، جىمى ھەمدۇ-سانالار ئاللاھقا خاستۇر. ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھنى بارچە نۇقسانلاردىن پاك دەپ ئېتىقاد قىلىمەن، غالىب، ھېكمەتلىك ئاللاھنىڭ ياردىمىسىز ھېچقانداق كۈچ-قۇۋۋەت يوقتۇر، دېگەنلەرنى ئوقۇغىن دېگەندە، ئۇ كىشى: بۇلار رەببىم ئۈچۈندۇر، ئۆزەم ئۇچۈنچۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام: ئى ئاللاھ! مېنى مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا رەھىم قىلغىن، مېنى ھىدايەت قىلغىن، ماڭا رىزىق بەرگىن دېگىن، دېدى
جَاءَ أَعْرَابِيٌّ إِلَى رَسُولِ اللهِ صَلَّى اللهُ عَلَيْهِ وَسَلَّمَ، فَقَالَ: عَلِّمْنِي كَلَامًا أَقُولُهُ، قَالَ: «قُلْ: لَا إِلَهَ إِلَّا اللهُ وَحْدَهُ لَا شَرِيكَ لَهُ، اللهُ أَكْبَرُ كَبِيرًا، وَالْحَمْدُ لِلَّهِ كَثِيرًا، سُبْحَانَ اللهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ، لَا حَوْلَ وَلَا قُوَّةَ إِلَّا بِاللهِ الْعَزِيزِ الْحَكِيمِ» قَالَ: فَهَؤُلَاءِ لِرَبِّي، فَمَا لِي؟ قَالَ: «قُلْ: اللهُمَّ اغْفِرْ لِي وَارْحَمْنِي وَاهْدِنِي وَارْزُقْنِي».
سەھرادىن كەلگەن بىر كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامدىن ئۆزىگە ئوقۇيدىغان زىكىرنى تەلىم بېرىشنى سورىغان ئېدى. پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۇ كىشىگە: ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئۇ يەككە - يېگانىدۇر، ئۇنىڭ شېرىكى يوقتۇر، دېگىن دېدى، تەۋھىد كەلىمىسى بىلەن باشلىدى، ئۇنىڭ مەنىسى: ئاللاھتىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ھەق مەبۇد يوق دېمەكتۇر. بۈيۈك ئاللاھ كاتتىدۇر. يەنى: ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىدىن كاتتا ۋە بۈيۈكتۇر. جىمى ھەمدۇ-سانالار ئاللاھقا خاستۇر، يەنى: ئاللاھ تائالانىڭ گۈزەل سۈپەتلىرى، ئىش-ھەرىكەتلىرى ۋە ساناقسىز نېمەتلىرىگە مەدھىيىلەر بولسۇن. ئالەملەرنىڭ پەرۋەردىگارى ئاللاھ بارچە نۇقسانلاردىن پاكتۇر. يەنى: ئاللاھ تائالا ئەيىپ-نۇقسانلاردىن پاكتۇر ۋە مۇقەددەستۇر. غالىب، ھېكمەتلىك ئاللاھنىڭ ياردىمىسىز ھېچقانداق كۈچ-قۇۋۋەت يوقتۇر يەنى: ئاللاھنىڭ ياردىمىسىز ۋە مۇۋەپپەق قىلىشىسىز ھېچقانداق كۈچ-قۇۋۋەت يوقتۇر ئۇ كىشى: بۇ سۆزلەر رەببىمنى زىكىر قىلىش ۋە ئۇلۇغلاش ئۈچۈن ئىكەن، ئۆزۈم ئۈچۈن قانداق دۇئا قىلىمەن؟ دېدى. ئى ئاللاھ! مېنى مەغپىرەت قىلغىن، خاتالىقلارنى ئۆچۈرۈپ يۆگەش بىلەن. ماڭا رەھىم قىلغىن، ماڭا دىنى ۋە دۇنيالىق پايدىلىق نەرسىلەرنى يەتكۈزۈش بىلەن. مېنى ھىدايەت قىلغىن، مېنى ئەڭ گۈزەل ئەھۋالغا ۋە توغرا يولغا ھىدايەت قىلغىن. ماڭا رىزىق بەرگىن ھالال مال، ساغلىق ۋە ياخشىلىق ئاتا قىلغىن.
...:
ئۇ كىشىنى تەكبىر، تەسبىھ، تەمھىد ۋە تەھلىل كەلىمىسىنى كۆپ ئېيتىشقا رىغبەتلەندۈردى.
دۇئا قىلىشتىن بۇرۇن ئاللاھنى زىكىر قىلىپ، مەدھىيلەش ياخشىدۇر.
ئىنساننىڭ قىلىدىغان ئەڭ ياخشى دۇئاسى ھەدىستە بايان قىلىنغان، دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىنى ئۆز ئېچىگە ئالغان گۈزەل دۇئالاردۇر.
ئىنسان ئۆزىگە دۇنيا-ئاخىرەتتە مەنپەئەتلىك بولغان بىلىملەرنى ئۈگىنىشكە ھېرىسمەن بولىشى كېرەك.
ياخشىلىقنىڭ جۇغلانمىسى بولغان مەغپىرەت، رەھمەت ۋە رىزىق تەلەپ قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش.
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ ئۈممىتىگە پايدىلىق بولغان ئىشلارنى تەلىم بېرىشكە ھېرىسمەنلىكى.
پاكلىقنىڭ مۇكەممەل بولىشى ئۈچۈن رەھمەت مەغپىرەتتىن كېيىن زىكىر قىلىندى، مەغپىرەت دېگەن: خاتالىقنى يوشۇرۇپ، يوق قىلىۋېتىش، دوزاختىن يىراق قىلىشتۇر، رەھمەت بولسا ياخشىلىققا يەتكۈزۈش ۋە جەننەتكە كىرگۈزۈشتۇر، مانا بۇ كاتتا ئۇتۇق قازىنىشتۇر.
تېخىمۇ كۆپ (7)
سەھى مۇسلىم (4/ 2072) (2696).
بهجة الناظرين شرح رياض الصالحين.
لسليم الهلالي (2/ 498).
نزهة المتقين شرح رياض الصالحين.
لمجموعة من الباحثين (2/ 972).
مرقاة المفاتيح شرح مشكاة المصابيح.
لعلي القاري (4/ 1606).
كىتابلاردا نەقىل قىلىنغان
11 كىتابلارتېخىمۇ كۆپ (11)
- الذكر والدعاء والعلاج بالرقي من الكتاب والسنة"قل: لا إله إلا الله وحده لا شريك له، الله أكبر كبيراً والحمدُ لله كثيراً، سبحان الله رب العالمين، لا حول ولا قوة إلا بالله العزيز الحكيم" قال فهؤلاء لربي فمالي؟ قال "قل: اللهم اغفر لي، وارحمني، واهدني وارزقني".
- المختصر المفيد للمؤذن والإمام والخطيب وأحكام المساجد«لَا حَوْلَ وَلَا قُوَّةَ إِلَّا بِاللَّهِ»
- تحفة الأخيار تحفة الأخيار (ببيان جملة نافعة مما ورد في الكتاب والسنة من الأدعية والأذكار)«قُلْ: لَا إِلَهَ إِلَّا اللهُ وَحْدَهُ لَا شَرِيكَ لَهُ، اللَّهُ أَكْبَرُ كَبِيرًا، وَالْحَمْدُ لِلَّهِ كَثِيرًا، سُبْحَانَ اللَّهِ رَبِّ الْعَالَمِينَ، لَا حَوْلَ وَلَا قُوَّةَ إِلَّا بِاللهِ الْعَزِيزِ الْحَكِيمِ» قَالَ: فَهَؤُلَاءِ لِرَ
- حصن المسلم من أذكار الكتاب والسنةحصن المسلم«لَا حَوْلَ وَلَا قُوَّةَ إِلَّا بِاللَّهِ»[44].
- حصن المسلم من أذكار الكتاب والسنةحصن المسلملَا حَوْلَ وَلَا قُوَّةَ إِلَّا بِاللَّه
- حصن المسلم من أذكار الكتاب والسنةحصن المسلملَا حَوْلَ وَلَا قُوَّةَ إِلَّا بِاللَّهِ»[306].
- حصن المسلم من أذكار الكتاب والسنةحصن المسلملَا حَوْلَ وَلَا قُوَّةَ إِلَّا بِاللَّه
- حصن المسلم من أذكار الكتاب والسنةحصن المسلملَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ وَحْدَهُ لَا شَرِيكَ لَهُ، اللَّهُ أَكْبَرُ كَبِيرًا، وَالحَمْدُ لِلَّهِ كَثِيرًا، سُبْحَانَ اللَّهِ رَبِّ العَالَمِينَ، لَا حَوْلَ وَلَا قُوَّةَ إِلَّا بِاللَّهِ العَزِيزِ الحَكِيمِ»
- حصن المسلم من أذكار الكتاب والسنةحصن المسلملَا إِلَهَ إِلَّا اللَّهُ وَحْدَهُ لَا شَرِيكَ لَهُ، اللَّهُ أَكْبَرُ كَبِيرًا، وَالحَمْدُ لِلَّهِ كَثِيرًا، سُبْحَانَ اللَّهِ رَبِّ العَالَمِينَ، لَا حَوْلَ وَلَا قُوَّةَ إِلَّا بِاللَّهِ العَزِيزِ الحَكِيم
- رياض الصالحينرياض الصالحين مع فوائد وهدايات - 7«قُل: لا إلهَ إلَّا اللهُ وحدَهُ لا شريكَ لَهُ، اللهُ أكبرُ كبيراً، والحمدُ لله كثيراً، وَسُبْحَانَ اللهِ ربِّ العالمين، ولا حولَ ولا قوَّةَ إلَّا بالله العزيزِ الحكيمِ» قَالَ: فهؤلاء لربِّي، فما لي؟ قَالَ: «قُل: اللّهم اغفرْ لي، وارحمْني،
- فضل الدعاء وآدابه والأوقات التي يستحب فيها"لا حول ولا قوة إلا بالله"