Skip to content

«ئاللاھ ئۈچۈن ھەج قىلغان كىشى ھەجگە بېرىپ قايتقىچە ناچار گەپ-سۆز ۋە گۇناھ-مەئ‍سىيەتتىن ساقلانسا، ئانىسىدىن تۇغۇلغان كۈنىدىكىدەك گۇناھدىن پاك بولغان ھالەتتە قايتىدۇ».

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم:

«ئاللاھ ئۈچۈن ھەج قىلغان كىشى ھەجگە بېرىپ قايتقىچە ناچار گەپ-سۆز ۋە گۇناھ-مەئ‍سىيەتتىن ساقلانسا، ئانىسىدىن تۇغۇلغان كۈنىدىكىدەك گۇناھدىن پاك بولغان ھالەتتە قايتىدۇ».

«مَنْ حَجَّ لِلهِ فَلَمْ يَرْفُثْ وَلَمْ يَفْسُقْ رَجَعَ كَيَوْمِ وَلَدَتْهُ أُمُّهُ».

بىرلىككە كەلگەن
حديث صحيح
شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئاللاھ ئۈچۈن ھەج قىلغىلى چىققان كىشىنىڭ ناچار گەپ-سۆزلەر، شەھۋانى سۆز-ھەرىكەتلەردىن ۋە گۇناھ-مەئ‍سىيەتلەردىن ساقلىنىشى كېرەكلىكىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. پىسقى-پۇجۇر دىگەندىن: ئېھراملىق ھالىتىدە قىلىش چەكلەنگەن ئىشلاردىن ساقلىنىش دېگەن بولۇپ، بۇ شەكىلدە ھەج قىلغان كىشى خاتالىقلىرى كەچۈرۈم قىلىنىپ، يېڭىدىن دۇنياغا كۆز ئاچقان بوۋاقتەك مەسۇم ھالەتتە قايتىدۇ.

سۆزلەرنىڭ مەناسى

كيوم ولدته أمه: أي رجع من حجه بغير ذنوب.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

پىسقى-پۇجۇر قىلىش ھەرقانداق ھالەتتە چەكلەنگەن بولسىمۇ ھەج پائالىيىتىنى ئۇلۇغلىغانلىقتىن ھەج قىلىش جەريانىدا ئالاھىدە چەكلىنىدۇ.

ئىنسان دۇنياغا كۆز ئاچقاندا مەسۇم، گۇناھدىن پاك ھالەتتە دۇنياغا كېلىدۇ، باشقىلارنىڭ خاتالىقىنى ئۇستىگە ئالمايدۇ.

مەنبەلەر
تېخىمۇ كۆپ (12)

سەھى بۇخارى (2/ 133) (1521).

سەھى مۇسلىم (2/ 983) (1350).

رياض الصالحين من كلام سيد المرسلين (ص358) (1274).

بهجة الناظرين شرح رياض الصالحين.

لسليم الهلالي (2/ 401).

كنوز رياض الصالحين.

لمجموعة من الباحثين (15/ 378).

شرح رياض الصالحين.

للشيخ محمد بن صالح العثيمين (5/ 321).

شرح النووي على مسلم (9/ 119).

إكمال المعلم بفوائد مسلم.

للقاضي عياض (4/ 462).