Skip to content

«كىمكى ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق دەپ، ئاللاھنىڭ غەيرىدە چوقۇنىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىنكار قىلسا، ئۇ كىشىنىڭ مىلى، قېنى ھارام بولىدۇ، (يەنى قوغدىلىنىدۇ) ئۇنىڭ ھېسابى ئاللاھقا بولىدۇ».

تارىق بىن ئەشيەم ئەشجەئىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان:

«كىمكى ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق دەپ، ئاللاھنىڭ غەيرىدە چوقۇنىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىنكار قىلسا، ئۇ كىشىنىڭ مىلى، قېنى ھارام بولىدۇ، (يەنى قوغدىلىنىدۇ) ئۇنىڭ ھېسابى ئاللاھقا بولىدۇ».

«مَنْ قَالَ: لَا إِلَهَ إِلَّا اللهُ، وَكَفَرَ بِمَا يُعْبَدُ مِنْ دُونِ اللهِ حَرُمَ مَالُهُ وَدَمُهُ، وَحِسَابُهُ عَلَى اللهِ».

مۇسلىم رىۋايىتى
حديث صحيح
شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىمكى تىلى بىلەن گۇۋاھلىق ئېيتىپ: «ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق دېسە» يەنى: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھەقىقى مەئ‍بۇد بەرھەق يوق دەپ، ئاللاھنىڭ غەيرىگە چوقۇنىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىنكار قىلسا، ئىسلام دىنىدىن باشقا بارلىق دىنلاردىن ئادا-جۇدا بولسا، مۇسۇلمانلارغا ئۇ كىشىنىڭ جېنى ۋە مىلى ھارام بولىدۇ. بىز ئۇنىڭ سىرتقى ئەمىلىگە قارايمىز، ئىسلام قانۇنىدىكى ئۇنىڭ قېنىنى تۆكۈش ۋە مېلىنى مۇسادىرە قىلىش توغرىسىدىكى قانۇنغا خىلاپ بولغان ئىش-ھەرىكەتلەرنى قىلمىغانلا بولسا، ئۇ كىشىنىڭ جىنىغا ۋە مېلىغا چېقىلىش توغرا بولمايدۇ. ئاللاھ تائالا قىيامەت كۈنى بەندىنىڭ ھېسابىغا ئۆزى ئىگە بولىدۇ، ئەگەر سەمىمى بولسا ئۇنىڭغا ساۋاپ بېرىدۇ، ئەگەر ساختىلىق قىلغان بولسا ئۇنىڭغا كۆرە جازا بېرىدۇ.

سۆزلەرنىڭ مەناسى

...:

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق دەپ، ئاللاھنىڭ غەيرىگە چوقۇنىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىنكار قىلىدىغان سۆزنى قىلش ئىسلامغا كىرىشتىكى شەرتتۇر.

ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق دېگەن سۆزنىڭ مەنىسى: بۇت، ھەيكەل، قەبرە قاتارلىق ئاللاھنىڭ غەيرىدە چوقۇنىدىغان نەرسىلەرنىڭ ھەممىسىنى ئىنكار قىلىش ۋە ئاللاھ تائالانى ئىبادەتتە يەككە-يىگانە دەپ ئېتىقاد قىلىش دېمەكتۇر.

كىمكى تەۋھىدتە تەۋرەنمەي تۇرۇپ شەرىئەت بۇيرۇغان زاھىرى ئەمەللەرنى تولۇق ئادا قىلىدىكەن، ئۇ كىشىدىن بۇنىڭ ئەكسى كۆرۈلگەنگە قەدەر ئۇنىڭغا چېقىلىش توغرا بولمايدۇ.

مۇسۇلماننىڭ جېنى، مېلى ۋە يۈز ئابرۇيىغا ھەقسىزلىك قىلىشنىڭ ھاراملىقى بايان قىلىنىدۇ.

دۇنيادا ھۆكۈم سىرتقى ئەمەللەرگە قارىتا بولىدۇ، ئاخىرەتتە بولسا نىيەت-مەقسەتكە ئاساسەن بولىدۇ.

مەنبەلەر
تېخىمۇ كۆپ (5)

سەھى مۇسلىم (1/ 53) (23).

الملخص في شرح كتاب التوحيد.

لصالح الفوزان (ص68).

الجديد في شرح كتاب التوحيد.

لمحمد القرعاوي (ص77).