«ھەقىقەتەن ئادىللىق قىلغۇچىلار ئاللاھ تائالانىڭ ئوڭ تەرىپىدە نۇردىن بولغان تەختلەرنىڭ ئۈستىدە بولىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئىككى قولى ئوڭدۇر، بەرىكەتلىكتۇر
ئابدۇللاھ بىن ئەمرۇ بىن ئاس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ھەقىقەتەن ئادىللىق قىلغۇچىلار ئاللاھ تائالانىڭ ئوڭ تەرىپىدە نۇردىن بولغان تەختلەرنىڭ ئۈستىدە بولىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئىككى قولى ئوڭدۇر، بەرىكەتلىكتۇر، ئۇلار قىلغان ھۆكۈملىرىدە ۋە ئائىلىلىرىدە ۋە ئۆزلىرى ئىگە بولغان ئىشلاردا ئادىللىق قىلىدۇ».
«إِنَّ الْمُقْسِطِينَ عِنْدَ اللهِ عَلَى مَنَابِرَ مِنْ نُورٍ، عَنْ يَمِينِ الرَّحْمَنِ عَزَّ وَجَلَّ، وَكِلْتَا يَدَيْهِ يَمِينٌ، الَّذِينَ يَعْدِلُونَ فِي حُكْمِهِمْ وَأَهْلِيهِمْ وَمَا وَلُوا».
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام شۇنداق دەپ خەۋەر بىرىدۇكى، ئۆزىنىڭ قول ئاستىدىكى كىشىلەرنىڭ ئارىسىدا ھەق بىلەن ئادالەت بىلەن ھۆكۈم قىلغان، ئائىلىسىدىمۇ ئادالەتلىك ئىش قىلغان كىشىلەر قىيامەت كۈنىدە ئىززەت-ئىكرام قىلىنىپ، نۇردىن ياسالغان ئالى تەختلەر ۋە يۈكسەك ئورۇنلاردا ئولتۇرىدۇ. بۇ تەختلەر ئاللاھ تائالانىڭ ئوڭ تەرىپىدە بولىدۇ، ئاللاھ تائالانىڭ ئىككى قولى ئوڭدۇر، بەرىكەتلىكتۇر.
المقسطين: العادلين.
في حكمهم: في قضائهم.
ما وَلُوا: الذي كانت لهم عليه ولاية.
ئادالەتنىڭ پەزىلىتى ۋە ئۇنىڭغا قىزىقتۇرۇش.
ئادالەت دېگەن ئومۇمى بىر ئۇقۇم بولۇپ، ئۇ رەھبەرلىك ئورۇنلىرىنىڭ ھەممىسىنى، كىشىلەر ئارىسىدا ھۆكۈم قىلىشنى، ھەتتا ئاياللىرى ۋە پەرزەنتلىرى ئارىسىدا ۋە باشقىلارنىڭ ئارىسىدا ئادىللىق قىلىشنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.
ئادىللىق قىلغۇچىلارنىڭ قىيامەت كۈنىدىكى مەقامىنىڭ بايانى.
قىيامەت كۈنى ئىمان ئەھلىنىڭ ئورۇنلىرى قىلغان ئەمەللىرىگە كۆرە پەرقلىق بولىدۇ.
رىغبەتلەندۈرۈش ئۇسۇلى بولسا؛ دەۋەتتە دەۋەت قىلىنغۇچىنى تائەت-ئىبادەتكە رىغبەتلەندۈرۈشنىڭ ئۇسۇلىدۇر.
تېخىمۇ كۆپ (11)
سەھى مۇسلىم (3/ 1458) (1827).
نزهة المتقين شرح رياض الصالحين.
لمجموعة من الباحثين (1/ 547).
تطريز رياض الصالحين.
لفيصل المبارك (ص428).
كنوز رياض الصالحين.
لمجموعة من الباحثين (9/ 314).
بهجة الناظرين شرح رياض الصالحين.
لسليم الهلالي (1/ 710).
شرح رياض الصالحين.
لابن عثيمين (3/ 640).
كىتابلاردا نەقىل قىلىنغان
3 كىتابلارتېخىمۇ كۆپ (3)
- رياض الصالحينرياض الصالحين مع فوائد وهدايات - 3«إِنَّ الْمُقْسِطِينَ عِنْدَ الله عَلىٰ مَنَابِرَ مِنْ نُورٍ: الَّذِينَ يَعْدِلُونَ في حُكْمِهِمْ وأَهْلِيهِمْ وَمَا وَلُوا».
- موسوعة الإيمان«إِنَّ الْمُقْسِطِينَ عِنْدَ اللهِ عَلَى مَنَابِرَ مِنْ نُورٍ عَنْ يَمِينِ الرَّحْمَنِ عز وجل، وَكِلْتَا يَدَيْهِ يَمِينٌ، الَّذِينَ يَعْدِلُونَ فِي حُكْمِهِمْ وَأَهْلِيهِمْ وَمَا وَلُوا».
- نبراس طالب (1)1«إِنَّ المُقْسِطِينَ عِنْدَ اللهِ عَلَى مَنَابِرَ مِنْ نُورٍ... الَّذينَ يَعْدِلُونَ في حُكْمِهِمْ وَأَهْلِيهِمِ وَمَا وَلُوا»