«ۋاپات بولغانلارنى تىللىماڭلار، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسىگە يېتىپ بولدى».
ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا ھەدىس بايان قىلىپ، مۇنداق دەيدۇ، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«ۋاپات بولغانلارنى تىللىماڭلار، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرى قىلغان ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسىگە يېتىپ بولدى».
«لَا تَسُبُّوا الْأَمْوَاتَ، فَإِنَّهُمْ قَدْ أَفْضَوْا إِلَى مَا قَدَّمُوا».
بۇ ھەدىستە پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆلۈكلەرنى تىللاش ۋە ئىززەت-ئابرۇيىنى تۆكۈشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ. ھەقىقەتەن بۇ ناچار ئەخلاق ھېسابلىنىدۇ، ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ ئىلگىرى قىلغان ياخشى-يامان ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىسىنى كۆرۈپ بولدى، شۇنىڭ ئۈچۈن ئۇلارنى تىللاش ئۇلارغا ھېچ بىر زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، پەقەت ھايات ياشاۋاتقانلارغا ئەزىيەت يەتكۈزىدۇ.
أفضوا إلى ما قدموا : صاروا إلى ما قدموا من أعمالهم.
بۇ ھەدىس ئۆلۈكلەرنى تىللاشنىڭ ھارام ئىكەنلىكىنىڭ دەلىلىدۇر.
ئۆلۈكلەرنى تىللاشنى تەرك قىلىش بولسا ھايات ياشاۋاتقانلارنىڭ مەنپەئەتىگە رىئايە قىلىش، جەمئىيەتنى ئۆز-ئارا دۈشمەنلىشىش، يامان كۆرۈش، ئۆچ-ئاداۋەتتىن مۇھاپىزەت قىلىشتىن ئىبارەتتۇر.
ۋاپات بولغانلارنى تىللاشتىن چەكلەشتىكى ھېكمەت بولسا: ھەقىقەتەن ئۇلار ئۆزلىرىنىڭ قىلغان ئەمەللىرىنىڭ نەتىجىلىرىگە ئېرىشىپ بولدى، ئۇلارنى تىللىغاننىڭ ھېچ پايدىسى يوق، پەقەت ھايات ياشاۋاتقان تۇغقانلىرىغا ئەزىيەت يەتكۈزىدۇ خالاس.
ئىنسان پايدىسىز قۇرۇق گەپ-سۆزلەرنى قىلىشتىن چەكلىنىشى لازىم.
تېخىمۇ كۆپ (7)
سەھى بۇخارى (2/ 104) (1393).
فتح ذي الجلال والاكرام بشرح بلوغ المرام.
لابن عثيمين (2/ 631).
منحة العلام في شرح بلوغ المرام.
لعبد الله الفوزان (4/ 385).
توضيح الأحكام من بلوغ المرام.
للبسام (3/ 277).