Skip to content

«سىلەر ۋاپا قىلىشقا ئەڭ ھەقلىق بولغان شەرت ئەۋرەتنى ھالال قىلغاندىكى شەرتلەردۇر».

ئۇقبەتە بىن ئامىر جۇھەنىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ ھەدىس بايان قىلىپ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

«سىلەر ۋاپا قىلىشقا ئەڭ ھەقلىق بولغان شەرت ئەۋرەتنى ھالال قىلغاندىكى شەرتلەردۇر».

«أَحَقُّ الشُّرُوطِ أَنْ تُوفُوا بِهِ مَا اسْتَحْلَلْتُمْ بِهِ الْفُرُوجَ».

بىرلىككە كەلگەن
حديث صحيح
شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزگە ۋاپا قىلىشقا ئەڭ لايىق بولغان شەرتلەرنى بايان قىلىپ، ئۇ، ئايالدىن مەنپەئەتلىنىشنى ھالال قىلىشقا سەۋەپ بولغان نەرسە دېدى، ئۇ بولسىمۇ، ئايال نىكاھ قىلىدىغان ۋاقىتتا تەلەپ قىلغان يوللۇق شەرتلەردىن ئىبارەتتۇر.

سۆزلەرنىڭ مەناسى

...:

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

ئەر-ئايال ئىككەيلەننىڭ بىر-بىرىگە قىلغان شەرتلىرىگە ۋاپا قىلىشى ۋاجىپ بولىدۇ، لېكىن ھالالنى ھارام قىلىدىغان ياكى ھارامنى ھالال قىلىدىغان شەرت بولسا بۇنىڭغا ۋاپا قىلىنمايدۇ.

نىكاھنىڭ شەرتلىرىگە ۋاپا قىلىش باشقا شەرتلەرگە قارىغاندا كۈچلۈك بولىدۇ، چۈنكى ئۇ، ئەۋرەتنى ھالال قىلىشنىڭ قارشىسىدىكى شەرتتۇر.

ئىسلامدا توي قىلىش، ئائىلە قۇرۇش ئورنىنىڭ ئىنتايىن يۇقىرى ئىكەنلىكى، قىلىنغان شەرتلەرگە ۋاپا قىلىشقا ئالاھىدە تەكىتلەنگەنلىكى بايان قىلىنىدۇ.

مەنبەلەر
تېخىمۇ كۆپ (6)

سەھى بۇخارى (3/ 190) (2721).

سەھى مۇسلىم (2/ 1035) (1418).

الإلمام بشرح عمدة الأحكام.

لإسماعيل الأنصاري (2/ 63).

تيسير العلام شرح عمدة الأحكام.

لعبد الله البسام (ص573).