Skip to content

«ئاللاھ بارچە نۇقسانلاردىن پاكتۇر، جىمى ھەمدۇ-سانا ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ بۈيۈكتۇر دېيىش، مەن ئۈچۈن دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەردىن سۆيۈملۈكراقتۇر».

ئەبۇ ھۈرەيرە رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

«ئاللاھ بارچە نۇقسانلاردىن پاكتۇر، جىمى ھەمدۇ-سانا ئاللاھقا خاستۇر، ئاللاھتىن باشقا ھېچ ئىلاھ يوقتۇر، ئاللاھ بۈيۈكتۇر دېيىش، مەن ئۈچۈن دۇنيادىكى بارلىق نەرسىلەردىن سۆيۈملۈكراقتۇر».

«لَأَنْ أَقُولَ: سُبْحَانَ اللهِ، وَالْحَمْدُ لِلهِ، وَلَا إِلَهَ إِلَّا اللهُ، وَاللهُ أَكْبَرُ، أَحَبُّ إِلَيَّ مِمَّا طَلَعَتْ عَلَيْهِ الشَّمْسُ».

مۇسلىم رىۋايىتى
حديث صحيح
شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇشۇ كاتتا كەلىمىلەر بىلەن ئاللاھنى زىكىر قىلىشنى دۇنيا ۋە دۇنيادىكى ھەممە نەرسىدىن ياخشى دەپ خەۋەر بەرگەن. «سۇبھانەللاھ» ئاللاھنى بارلىق ئەيىپ نۇقسانلاردىن پاكلاش. «جىمى ھەمدۇ-سانا ئاللاھقا خاستۇر»يەنى: ئاللاھ تائالانى ياخشى كۆرۈش ۋە ئۇلۇغلاش بىلەن بىرگە مۇكەممەل سۈپەتلىرى بىلەن مەدھىيەلەش. ئاللاھدىن باشقا ئىلاھ يوق: يەنى ئاللاھدىن باشقا ھەقىقى مەبۇد يوق. ئاللاھۇ ئەكبەر يەنى: ئاللاھ تائالا ھەممە نەرسىدىن كاتتا ۋە ئۇلۇغدۇر.

سۆزلەرنىڭ مەناسى

...:

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

ئاللاھنى زىكىر قىلىشقا رىغبەتلەندۈرۈش، چۈنكى ئاللاھنى زىكىر قىلىش بولسا ئاللاھ تائالاغا زېمىندىكى ھەممە نەرسىدىن ياخشىدۇر.

زىكىرنى كۆپ قىلىشقا قىزىقتۇرۇش، چۈنكى ئۇنىڭدا ئەجىر-ساۋاپ ۋە پەزىلەتلەر باردۇر.

دۇنيا مەنپەئەتى ئېتىبارسىزدۇر، ئۇنىڭ قىزىقتۇرۇشى يوق بولغۇچىدۇر.

مەنبەلەر
تېخىمۇ كۆپ (9)

سەھى مۇسلىم (4/ 2072) (2695).

بهجة الناظرين شرح رياض الصالحين.

لسليم الهلالي (2/ 496).

شرح رياض الصالحين.

لابن عثيمين (5/ 485).

نزهة المتقين شرح رياض الصالحين.

لمصطفى الخِن وغيره (2/ 970).

تطريز رياض الصالحين.

لفيصل آل المبارك (ص772).