Skip to content

«بەك چەكتىن ئاشۇرىۋەتكۈچىلەر ھالاك بولىدى

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: مەن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ مۇنداق دېگەنلىكىنى ئاڭلىغان ئىدىم:

«بەك چەكتىن ئاشۇرىۋەتكۈچىلەر ھالاك بولىدى» دېگەن سۆزنى ئۈچ قېتىم دېگەن.

«هلك المُتَنَطِّعُون» قالها ثلاثًا.

مۇسلىم رىۋايىتى
حديث صحيح
شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىلىمسىز، توغرا يول تۇتماستىن ئۆزىنىڭ دىنى ۋە دۇنيالىق ئىشلىرىدا گەپ-سۆزلىرى، ئىش-ھەرىكەتلىرىدە رەسۇلۇللاھ سەللەللاھۇ ئەلەيھى ۋەسەللەم ئىلىپ كەلگەن شەرىئەتنىڭ بەلگىلىمىسىدىن ھالقىغانلارنىڭ خار بولىدىغانلىقى ۋە ئىككىلى دۇنيادا زىيان تارتىدىغانلىقىدىن خەۋەر بېرىدۇ.

سۆزلەرنىڭ مەناسى

....:

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

ئىشلارنىڭ ھەممىسىدە چەكتىن ئاشۇرىۋېتىش ۋە زورلىنىشنىڭ ھارام ئىكەنلىكى، ھەرقانداق ئىشتا بولۇپمۇ ئىبادەت ۋە سالىھلارنى ئۇلۇغلاشتا چەكتىن ئاشۇرىۋېتىشتىن ساقلىنىشقا بۇيرىيدۇ.

ئىبادەتتە ۋە باشقا ئىشلاردا مۇكەممەل بولۇشنى تەلەپ قىلىش، شەرىئەتكە ئەگەشكەن ھالەتتە بولسا مەدھىيەلىنىدۇ.

مۇھىم ئىشلارنى تەكىتلەشنىڭ ياخشى ئىكەنلىكى، چۈنكى پەيغەمبەرئەلەيسسالام بۇ سۆزنى ئۈچ قېتىم تەكرارلىغان.

ئىسلامنىڭ كەڭ قورساقلىقى ۋە ئاسانلىقىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.

مەنبەلەر
تېخىمۇ كۆپ (5)

سەھى مۇسلىم (4/ 2055) (2670).

الجديد في شرح كتاب التوحيد.

للقرعاوي (ص180).

الملخص في شرح كتاب التوحيد.

لصالح الفوزان (ص167).