Skip to content
251 ھەدىس

پەيغەمبەر ھەدىسلىرى ئېنسىكلوپېدىيەسى

نەتىجىلەرنى سۈزۈش

251 كارتادىن 135

سۈزگۈچلەرنى تازىلاش

ھەدىسنىڭ دەرىجىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇئاز بىن جەبەل رەزىيەللاھۇ ئەنھۇنى يەمەنگە ئەۋەتىدىغان ۋاقىتتا ئۇنىڭغا مۇنداق دېدى: «سەن ئەھلى كىتاپتىن بولغان بىر قەۋىمنىڭ يېنىغا بارىسەن، ئۇلارنىڭ يېنىغا بارغان ۋاقتىڭدا ئۇلارنى: ئاللاھدىن باشقا ئىبادەتكە لايىق ھېچ ئىلاھ يوق، مۇھەممەد ئەلەيھىسسالام ئاللاھنىڭ ئەلچىسى دەپ گۇۋاھلىق بېرىشكە چاقىرغىن، ئەگەر ئۇلار بۇنىڭدا ساڭا ئىتائەت قىلسا، ئۇلارغا ئاللاھ تائالانىڭ بىر كېچە-كۈندۈزدە بەش ۋاقىت ناماز ئادا قىلىشقا بۇيرىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگىن، ئەگەر ئۇلار بۇنىڭدا ساڭا ئىتائەت قىلسا، ئاللاھ تائالانىڭ ئۇلارغا سەدىقىنى پەرز قىلغانلىقىنى، سەدىقە ئۇلارنىڭ بايلىرىدىن ئېلىنىپ، پەقىرلىرىغا بېرىلىدىغانلىقىدىن خەۋەر بەرگىن، ئەگەر ئۇلار بۇنىڭدا ساڭا ئىتائەت قىلسا، ئۇلارنىڭ ماللىرىنىڭ ئېسىللىرىنى ئېلىۋېلىشتىن ساقلانغىن، زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچىنىڭ دۇئاسىدىن قورققىن، ھەقىقەتەن زۇلۇمغا ئۇچرىغۇچى بىلەن ئاللاھنىڭ ئارىسىدا ھېچ پەردە يوقتۇر».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«ياخشىلىق قىلىنسا مۇكاپات يۈزىسىدىن سىلە رەھىم قىلغۇچىلار ھەقىقى سىلە رەھىم قىلغۇچى ھېسابلانمايدۇ، ھەقىقى سىلە رەھىم قىلغۇچى دېگەن: باشقا تۇغقانلىرى سىلە رەھىم قىلمىسىمۇ ئۇلارغا ياخشىلىق قىلىپ تۇغقانچىلىقنى يەتكۈگۈچىدۇر».
تېكىست توغرا بۇخارى رىۋايىتى
«مۇسۇلمانغا ئېغىرچىلىق، كېسەل، غەم-قايغۇ، ئەزىيەت ياكى ھەسرەت، ھەتتا سانجىلغان تىكەنگە قەدەر زىيان يېتىپلا قالسا، ئۇلارنىڭ سەۋەبى بىلەن ئاللاھ ئۇنىڭ گۇناھلىرىنى ئۆچۈرىدۇ».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بۇ ئايەتنى تىلاۋەت قىلدى: «هُوَ الَّذِي أَنْزَلَ عَلَيْكَ الْكِتَابَ مِنْهُ آيَاتٌ مُحْكَمَاتٌ هُنَّ أُمُّ الْكِتَابِ وَأُخَرُ مُتَشَابِهَاتٌ فَأَمَّا الَّذِينَ فِي قُلُوبِهِمْ زَيْغٌ فَيَتَّبِعُونَ مَا تَشَابَهَ مِنْهُ ابْتِغَاءَ الْفِتْنَةِ وَابْتِغَاءَ تَأْوِيلِهِ، وَمَا يَعْلَمُ تَأْوِيلَهُ إِلَّا اللَّهُ، وَالرَّاسِخُونَ فِي الْعِلْمِ يَقُولُونَ آمَنَّا بِهِ كُلٌّ مِنْ عِنْدِ رَبِّنَا وَمَا يَذَّكَّرُ إِلَّا أُولُو الْأَلْبَابِ» تەرجىمىسى: «(ئى مۇھەممەد!) ئۇ (ئاللاھ) ساڭا كىتابنى (يەنى قۇرئاننى) نازىل قىلدى. ئۇنىڭدا مۇھكەم (يەنى مەنىسى ئوچۇق) ئايەتلەر باركى، ئۇلار كىتابنىڭ (يەنى پۈتۈن قۇرئاننىڭ) ئاساسىدۇر؛ يەنە باشقا مۇتەشابىھ (يەنى مەنىسى مۇئەييەن ئەمەس) ئايەتلەر باردۇر. دىللىرىدا ئەگرىلىك بار (يەنى گۇمراھلىققا مايىل) كىشىلەر پىتنە قوزغاش ۋە ئۆز رايى بويىچە مەنە بېرىش ئۈچۈن، مۇتەشابىھ ئايەتلەرگە ئەگىشىدۇ (يەنى مۇتەشابىھ ئايەتلەرنى ئۆز نەپسى - خاھىشى بويىچە چۈشەندۈرىدۇ). بۇنداق ئايەتلەرنىڭ (ھەقىقىي) مەنىسىنى پەقەت ئاللاھ بىلىدۇ. ئىلىمدا توشقانلار ئېيتىدۇ: «ئۇنىڭغا ئىشەندۇق، ھەممىسى پەرۋەردىگارىمىز تەرىپىدىن نازىل بولغان. (بۇنى) پەقەت ئەقىل ئىگىلىرىلا چۈشىنىدۇ» [سۈرە ئال ئىمران 7-ئايەت]. ئائىشە رەزىيەللاھۇ ئەنھا مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى:« قۇرئاندىن مۇتەشابىھ ئايەتلەرگە ئەگەشكەنلەرنى كۆرسەڭ ئەنە ئاشۇلار ئاللاھ تائالا دىلىدا ئەگىرلىك بار دەپ ئاتىغان كىشىلەردۇر، ئۇلاردىن ھەزەر قىلغىن».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
بىر سەھرالىق كىشى پەيغەمبەرئەلەيھىسسالامنىڭ يېنىغا كېلىپ: مېنى ئەمەل قىلسام جەننەتكە كېرىشىمگە سەۋەپ بولىدىغان بىر ئىشقا باشلاپ قويسىلا؟ دېدى، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «ئاللاھ تائالاغا ھېچ نەرسىنى شېرىك قىلماي ئىبادەت قىلغىن، پەرز قىلىنغان بەش ۋاقىت نامازنى ئادا قىلغىن، ماللىرىڭنىڭ زاكىتىنى ئادا قىلغىن، رامىزاننىڭ روزىسىنى تۇتقىن» دېدى، ئۇ كىشى: مېنىڭ جېنىم قولىدا بولغان زات بىلەن قەسەم! بۇنىڭدىن ئارتۇق قىلمايمەن دەپ كەينىگە ئۆرۈلۈپ ماڭغاندا، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «جەننەت ئەھلىدىن بولغان بىر كىشىگە قاراپ خۇرسەن بولۇشنى خالايدىغان كىشى بۇ كىشىگە قارىسۇن»دېدى.
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«قىيامەت كۈنى تۈنجى بولۇپ قان – قىساس مەسىلىلىرىگە ھۆكۈم قىلىنىدۇ».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
«ئاللاھ تائالا كىمگە ياخشىلىقنى ئىرادە قىلسا ئۇ كىشىنى دىنى ئەھكاملارنى چۈشىنىدىغان قىلىدۇ، ھەقىقەتەن مەن تەقسىم قىلغۇچى، ئاللاھ ئاتا قىلغۇچى، مۇشۇ ئۈممەت ئاللاھنىڭ بۇيرىقىنى بەرپا قىلغان مۇددەتچە ئۇلارغا قارشى تۇرغۇچىلار، ئۇلارغا زىيان يەتكۈزەلمەيدۇ، ھەتتا ئاللاھنىڭ بۇيرۇقى كەلگەنگە قەدەر شۇنداق بولىدۇ».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن
« بىر كىشى يەنە بىر كىشىنىڭ قەبرىسىنىڭ يېنىدىن ئۆتۈپ كاشكى مەن ئۇنىڭ ئورنىدا بولسام ئىكەن دېمىگۈچە قىيامەت بولمايدۇ».
تېكىست توغرا بىرلىككە كەلگەن