كىمكى مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن سەمىمى سادىق بولىدىكەن، جاھىلىيەت دەۋرىدە قىلغان ئىشلىرىغا جازالانمايدۇ، كىمكى مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن سەمىمى سادىق بولمايدىكەن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى خاتالىقلىرى ئۈچۈن جازالىنىدۇ»دېدى.
ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ:
بىر كىشى: ئىي ئاللاھنىڭ رەسۇلى! بىز جاھىلىيەت دەۋرىدە قىلغان ئەمەللىرىمىز بىلەن جازالىنىمىزمۇ؟ دېگەندە، پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام: «كىمكى مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن سەمىمى سادىق بولىدىكەن، جاھىلىيەت دەۋرىدە قىلغان ئىشلىرىغا جازالانمايدۇ، كىمكى مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن سەمىمى سادىق بولمايدىكەن ئىلگىرىكى ۋە كېيىنكى خاتالىقلىرى ئۈچۈن جازالىنىدۇ»دېدى.
قَالَ رَجُلٌ: يَا رَسُولَ اللهِ، أَنُؤَاخَذُ بِمَا عَمِلْنَا فِي الْجَاهِلِيَّةِ؟ قَالَ: «مَنْ أَحْسَنَ فِي الْإِسْلَامِ لَمْ يُؤَاخَذْ بِمَا عَمِلَ فِي الْجَاهِلِيَّةِ، وَمَنْ أَسَاءَ فِي الْإِسْلَامِ أُخِذَ بِالْأَوَّلِ وَالْآخِرِ».
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇسۇلمان بولۇشنىڭ پەزىلىتىنى بايان قىلىپ بەردى. كىمكى مۇسۇلمان بولۇپ، ئىسلامى گۈزەل، سەمىمى سادىق بولسا جاھىلىيەت دەۋرىدە قىلغان خاتا ئىشلىرىغا جازالانمايدۇ. كىمكى مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن ناچار ئىشلارنى قىلىدىكەن، مۇناپىقلىق قىلىدىكەن ياكى دىندىن يېنىۋېلىپ مۇرتەد بولىدىكەن، ئۇ كىشىنىڭ ئىلگىرى كاپىر ۋاقتىدا قىلغان ۋە مۇسۇلمان بولغان ۋاقتىدا قىلغان ھەممە ئىشلىرىدىن ھېساب ئېلىنىدۇ.
...:
ساھابىلارنىڭ جاھىلىيەت دەۋرىدە قىلغان ئىشلارغا چۈشۈپ قالماسلىقى ئۈچۈن كۆڭۈل بۆلىدىغانلىقى ۋە جازاغا ئۇچراپ قىلىشتىن ئەنسىرەيدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن دىندا مۇستەھكەم تۇرۇشقا رىغبەتلەندۈرۈش.
مۇسۇلمان بولۇشنىڭ پەزىلىتى-ئارتۇقچىلىقى، ئىسلامنىڭ ئىلگىرىكى ئەمەللەرگە كاپارەت بولىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
مۇرتەد ۋە مۇناپىقلارنىڭ ئىلگىرى جاھىلىيەت دەۋرىدە قىلغان ھەممە ئەمەللىرىدىن ۋە مۇسۇلمان بولغاندىن كېيىن سادىر قىلغان خاتالىقلىرىدىن ھېساپ ئېلىنىدىغانلىقى بايان قىلىنىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ (5)
سەھى بۇخارى (9/ 14) (6921).
سەھى مۇسلىم (1/ 111) (120).
مشارق الأنوار على صحاح الآثار (2/229).
الكواكب الدراري (24/43).
عمدة القاري شرح صحيح البخاري (24/ 76).
كىتابلاردا نەقىل قىلىنغان
2 كىتابلارتېخىمۇ كۆپ (2)
- الأسئلة المختارة من قاموس الأسئلة الشائعة حول الإسلامقسم الإسلام«مَن أحسن في الإسلام لم يؤاخذ بما عمل في الجاهلية، ومن أساء في الإسلام أُخِذَ بالأول والآخِر»
- موسوعة الأسئلة (المجموعة الأولى)«مَنْ أَحْسَنَ فِي الإِسْلَامِ لَمْ يُؤَاخَذْ بِمَا عَمِلَ فِي الْجَاهِلِيَّةِ، وَمَنْ أَسَاءَ فِي الإِسْلَامِ أُخِذَ بِالأَوَّلِ وَالآخِرِ»