پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدا مۇنداق دەيتتى: «ئى ئاللاھ! مېنى مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا رەھمەت قىلغىن، مېنى ساق-سالامەت قىلغىن، مېنى ھىدايەت قىلغىن ۋە رىزىق ئاتا قىلغىن».
ئىبنى ئابباس رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە:
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدا مۇنداق دەيتتى: «ئى ئاللاھ! مېنى مەغپىرەت قىلغىن، ماڭا رەھمەت قىلغىن، مېنى ساق-سالامەت قىلغىن، مېنى ھىدايەت قىلغىن ۋە رىزىق ئاتا قىلغىن».
كان النبي صلى الله عليه وسلم يقول بين السجدتين: «اللَّهمَّ اغْفِرْ لي، وارْحَمْنِي، وعافِني، واهْدِني، وارزقْنِي».
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام نامىزىدا ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدا بەش تۈرلۈك دۇئانى قىلاتتى، بۇنىڭغا مۇسۇلمان بەك ئېھتىياجلىق بولىدۇ، بۇ دۇئا دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىنى ئۆز ئېچىگە ئالغان، مەغپىرەت تەلەپ قىلىش، گۇناھىنىڭ يوشۇرلىشى، ئەپۇ قىلىنىشى، رەھمەتنىڭ كەڭرى بولىشى، تۈرلۈك زاھىرى ۋە باتىنى كېسەللەر، شەك-شۈبھىلەردىن سالامەت بولىشى، ئاللاھ تائالادىن ھەق ئۈستىدە تەۋرەنمەستىن مۇستەھكەم قىلىشنى سورىشى، پاكىزە ھالال مال، ياخشى ئەمەل، ئىلىم ۋە ئىماننى رىزىق قىلىپ بېرىشنى سورىشىدىن ئىبارەتتۇر.
...:
بۇ دۇئانى ئىككى سەجدىنىڭ ئارىسىدا ئولتۇرغاندا ئوقۇش يولغا قويۇلغان.
بۇ دۇئا دۇنيا-ئاخىرەتنىڭ ياخشىلىقىدىن ھەممە نەرسىنى ئۆز ئېچىگە ئالغان پەزىلەتلىك دۇئادۇر.
تېخىمۇ كۆپ (10)
سۈنەن ئەبۇ داۋۇد. (2/ 138) (850).
سۈنەن تىرمىزى (1/ 317) (284).
سۈنەن ئىبنى ماجە. (2/ 64) (898).
مۇسنەد ئەھمەد (5/ 72) (2895).
مشكاة المصابيح.
للتبريزي (1/ 283).
سبل السلام شرح بلوغ المرام.
لمحمد الصنعاني (1/ 274).
توضيح الأحكام مِن بلوغ المرام.
لعبد الله البسام (2/ 240).