Skip to content

«مەندىن بىر ئايەت بولسىمۇ يەتكۈزۇڭلار، بەنى ئىسرائىل ۋەقەلىكىنى سۆزلەپ بەرسەڭلارمۇ بولىدۇ، كىمكى ماڭا قەستەن يالغاننى توقۇيدىكەن، دوزاختىن ئورنىنى تەييارلاپ قويسۇن».

ئابدۇللاھ بىن ئەمرۇ رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە: پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

«مەندىن بىر ئايەت بولسىمۇ يەتكۈزۇڭلار، بەنى ئىسرائىل ۋەقەلىكىنى سۆزلەپ بەرسەڭلارمۇ بولىدۇ، كىمكى ماڭا قەستەن يالغاننى توقۇيدىكەن، دوزاختىن ئورنىنى تەييارلاپ قويسۇن».

«بَلِّغُوا عَنِّي وَلَوْ آيَةً، وَحَدِّثُوا عَنْ بَنِي إِسْرَائِيلَ وَلَا حَرَجَ، وَمَنْ كَذَبَ عَلَيَّ مُتَعَمِّدًا فَلْيَتَبَوَّأْ مَقْعَدَهُ مِنَ النَّارِ».

بۇخارى رىۋايىتى
حديث صحيح
شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام ئۆزىدىن ئاز بولسىمۇ بىر ئايەت ياكى بىر ھەدىس بولسىمۇ قۇرئان-ھەدىسنىڭ ئىلمىنى يەتكۈزۈشكە بۇيرىيدۇ، بۇنىڭ شەرتى: ئۇ كىشى باشقىلارغا يەتكۈزگەن ياكى چاقىرغان نەرسىنى بىلگەن بولۇشى شەرت قىلىنىدۇ. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بىزنىڭ شەرىئىتىمىزغا زىت بولمىغان ھالەتتىكى بەنى ئىسرائىل ئارىسىدا يۈز بەرگەن ۋەقەلەرنى سۆزلەپ بەرسىمۇ بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى. ئۇنىڭدىن كېيىن ئۆزىگە يالغاننى توقۇشتىن ئاگاھلاندۇردى، كىمكى ئۆزىگە قەستەن يالغاننى توقۇيدىكەن، ئۇ كىشى ئۆزى ئۈچۈن دوزاختىن ئورۇن ھازىرلىسۇن دېدى.

سۆزلەرنىڭ مەناسى

لا حرج: لا إثم ولا ذنب.

بنو اسرائيل: هم بنو يعقوب بن إسحاق بن إبراهيم، فإسرائيل لقب ليعقوب. والمراد أتباع دينهم من اليهود والنصارى.

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى يەتكۈزۈشكە رىغبەتلەندۈرۈش، ئىنسان ئاز بولسىمۇ ئۆزى بىلگەن ياكى چۈشەنگەن، ياد قىلغان بىلىملەر بولسا يەتكۈزۈشكە ئىلھاملاندۇرۇشتىن ئىبارەتتۇر.

ئاللاھنىڭ ئىبادىتىنى مۇكەممەل قىلىش، ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى توغرا شەكىلدە يەتكۈزۈش ئۈچۈن شەرئى بىلىم ئېلىشنىڭ ۋاجىپ ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ بېرىدۇ.

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بايان قىلغان قاتتىق ئازابقا چۈشۈپ قىلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن ھەر قانداق بىر ھەدىسنى يەتكۈزۈش ۋە تارقىتىشتىن بۇرۇن ئۇنىڭ سەھىھ ئىكەنلىكىنى تەكىتلەش ۋاجىپ بولىدۇ.

ئىنسان راستچىل بولۇش، بولۇپمۇ ھەدىسكە ئالاقىدار سۆزلەرنى قىلغاندا ئېھتىيات قىلىش، شۇنداقلا؛ ئاللاھنىڭ شەرىئىتىنى يەتكۈزۈشتە يالغانغا چۈشۈپ قىلىشتىن ئاگاھ بولۇش كېرەك.

مەنبەلەر
تېخىمۇ كۆپ (7)

سەھى بۇخارى (4/ 170) (3461).

بهجة الناظرين شرح رياض الصالحين.

لسليم الهلالي (2/ 464).

نزهة المتقين.

لمصطفى الخن وغيره (2/ 951).

شرح رياض الصالحين.

لابن عثيمين (5/ 429).