Skip to content

«كىمكى كېچىدە بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئاخىرىدىن ئىككى ئايەتنى ئوقۇسا بۇ ئىككى ئايەت ئۇ كىشىنىڭ ھەممە ئىشلىرىغا كۇپايە قىلىدۇ».

ئىبنى مەسئۇد رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:

«كىمكى كېچىدە بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئاخىرىدىن ئىككى ئايەتنى ئوقۇسا بۇ ئىككى ئايەت ئۇ كىشىنىڭ ھەممە ئىشلىرىغا كۇپايە قىلىدۇ».

«مَنْ قَرَأَ بِالْآيَتَيْنِ مِنْ آخِرِ سُورَةِ الْبَقَرَةِ فِي لَيْلَةٍ كَفَتَاهُ».

بىرلىككە كەلگەن
حديث صحيح
شەرھىسى

پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىمكى كېچىدە بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئاخىرىدىن ئىككى ئايەت ئوقۇسا، ئاللاھ تائالا ئۇ كىشىنى شۇ كېچىنىڭ يامانلىقىغا كۇپايە قىلىدىغانلىقىنى بايان قىلىدۇ. بەزى رىۋايەتلەردە: كېچىلىك قىيامغا كۇپايە قىلىدۇ دېيىلگەن، ياكى باشقا بارلىق زىكىرلەرگە كۇپايە قىلىدۇ دېيىلگەن ياكى ئەڭ ئاز بولغاندا كېچىدە قىيامدا تۇرغاندا ئوقۇيدىغان قۇرئان تىلاۋېتىگە كۇپايە قىلىدۇ دېيىلگەن، ئۇنىڭدىن باشقا سۆزلەرمۇ بار. يۇقىرىدا بايان قىلىنغان سۆزلەرنىڭ ھەممىسى توغرا بولۇپ، كۇپايە قىلىدۇ دېگەن سۆز بۇنىڭ ھەممىسىنى ئۆز ئېچىگە ئالىدۇ.

سۆزلەرنىڭ مەناسى

...:

ھەدىسنىڭ پايدىلىرىدىن

بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئاخىرىدىكى ئىككى ئايەتنىڭ پەزىلىتى، ئۇ ئىككى ئايەت بولسا :«آمن الرسول...» دېن سۈرىنىڭ ئاخىرغىچە.

بەقەرە سۈرىسىنىڭ ئاخىرى كېچىدە ئۇنى ئوقۇغان كىشىدىن شەيتاننىڭ يامانلىق ۋە ناچارلىقىدىن قوغدايدۇ.

كېچە كۈن ئولتۇرۇش بىلەن باشلىنىدۇ، تاڭ يورۇش بىلەن ئاخىرلىشىدۇ.

مەنبەلەر
تېخىمۇ كۆپ (12)

سەھى بۇخارى (6/ 188) (5008-5009).

سەھى مۇسلىم (1/ 554) (807).

فتح الباري بشرح صحيح البخاري.

لابن حجر (9/ 56).

بهجة الناظرين شرح رياض الصالحين.

لسليم الهلالي (2/ 240).

تطريز رياض الصالحين.

لفيصل آل مبارك (ص593).

مرقاة المفاتيح شرح مشكاة المصابيح.

لملا علي القاري (4/ 1465).

نزهة المتقين شرح رياض الصالحين.

لمصطفى الخِن وغيره (2/ 757).