ھەقىقەتەن دۇنيا تاتلىق ۋە يېشىللىقتۇر، ئاللاھ سىلەرنى زېمىندا ئىز باسار قىلىپ قانداق ئەمەل قىلىدىغانلىقىڭلارغا قارايدۇ، دۇنيادىن ۋە ئاياللاردىن ساقلىنىڭلار، ئېھتىيات قىلىڭلار
ئەبۇ سەئىدىل خۇدرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇدىن بايان قىلىنغان ھەدىستە، پەيغەمبەر ئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
ھەقىقەتەن دۇنيا تاتلىق ۋە يېشىللىقتۇر، ئاللاھ سىلەرنى زېمىندا ئىز باسار قىلىپ قانداق ئەمەل قىلىدىغانلىقىڭلارغا قارايدۇ، دۇنيادىن ۋە ئاياللاردىن ساقلىنىڭلار، ئېھتىيات قىلىڭلار، ئىسرائىل ئەۋلادلىرى ئارىسىدا تۈنجى پىتنە ئاياللاردىن بولغان».
«إِنَّ الدُّنْيَا حُلْوَةٌ خَضِرَةٌ، وَإِنَّ اللهَ مُسْتَخْلِفُكُمْ فِيهَا، فَيَنْظُرُ كَيْفَ تَعْمَلُونَ، فَاتَّقُوا الدُّنْيَا وَاتَّقُوا النِّسَاءَ، فَإِنَّ أَوَّلَ فِتْنَةِ بَنِي إِسْرَائِيلَ كَانَتْ فِي النِّسَاءِ».
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام دۇنيانىڭ تېتىشتا تاتلىق، كۆرۈنۈشتە يېشىل، گۈزەل ئىكەنلىكىنى بايان قىلىپ، ئىنسان ئۇنىڭ بىلەن ئالدىنىپ كېتىدۇ، ئۇنىڭغا چۆمۈپ كېتىدۇ ۋە ئۇنى ئاساسلىق غايىسى قىلىدۇ دېدى. ئاللاھ تائالا مۇشۇ ھاياتى دۇنيادا قانداق ئەمەل قىلىدىغانلىقىمىزغا، ئاللاھقا ئىتائەت قىلىمىزمۇ ياكى ئاسىيلىقمۇ؟، بۇنىڭدىن ئىبرەت ئىلىش ئۈچۈن بەزىلىرىمىزنى بەزىلىرىمىزگە ئىز باسار قىلدى. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېدى: «دۇنيانىڭ نازۇ- نېمەتلىرى ۋە گۈزەللىكلىرى سىلەرنى ئازدۇرۇپ، ئاللاھ تائالا سىلەرنى ئادا قىلىشقا بۇيرىغان بۇيرۇقلارنى تەرك قىلىش ۋە چەكلىگەن ئىشلارنى سادىر قىلىشقا تۈرتكە بولۇپ قىلىشىدىن ھەزەر قىلىڭلار دېدى». دۇنيا پىتنىلىرى ئېچىدە ئىنسان ئەڭ ھەزەر قىلىشى كېرەك بولغىنى: ئاياللارنىڭ پىتنىسىدۇر، بۇ ئىسرائىل ئەۋلادلىرى ئارىسىدىمۇ تۈنجى يۈزبەرگەن پىتنىدۇر.
خَضِرَة: غضة ناعمة طرية. فالدنيا تُشبِه في الميل إليها الفاكهة الحلوة الطرية في مذاقها، الخضرة في لونها.
تەقۋادارلىقنى لازىم تۇتۇش ۋە دۇنيانىڭ كۆرۈنىشى ۋە زىننەتلىرىگە مەپتۇن بولماسلىققا رىغبەتلەندۈرۈش.
ئاياللارنىڭ پىتنىسىدىن يەنى ئۇلارغا قاراش، يات ئەرلەر بىلەن ئارىلىشىشقا سەل قاراش ۋە ئۇنىڭ غەيرىدىكى ئىشلاردىن ھەزەر قىلىش.
دۇنيادىكى پىتنىلەرنىڭ ئەڭ كاتتىسى ئاياللارنىڭ پىتنىسىدۇر.
ئىسرائىل ئەۋلادلىرى ۋە ئۇلاردىن باشقا ئۈممەتلەردە يۈز بەرگەن ئىشلاردىن ۋەز-نەسىھەت ئىلىش، ئېبرەت ئىلىش.
ئاياللارنىڭ پىتنىسىگە كەلسەك، توي قىلغان ئايال بولسا ئېرىنى تاقىتى يەتمەيدىغان ئىشلارغا تەكلىپ قىلىپ ئۇنى دىنى ئىشلارنى قىلىشتىن مەشغۇل قىلىپ قويىدۇ، ئۇنى دۇنيا تەلەپ قىلىش بىلەن ھالاكەتكە ئېتتىرىدۇ. ئەگەر يات ئايال بولسا، ئۇنىڭ پىتنىسى، ئەرلەرنى ئازدۇرۇش، سىرتقا چىقىپ ئەرلەر بىلەن ئارىلاشقاندا ئۇلارنى ھەقتىن بۇرىۋېتىش، بولۇپمۇ ئاياللار ئەخلاقسىز، بۇزۇق بولۇپ قالسا بۇ بەزى ۋاقىتتا ئۆز نوۋېتى بويىنچە زىناغا ئېلىپ بارىدۇ، شۇنىڭ ئۈچۈن مۇئمىن كىشى ئاللاھ بىلەن قوغدىنىشى ۋە ئۇلارنىڭ پىتنىسىدىن قۇتۇلۇش ئۈچۈن ئاللاھنىڭ تەرىپىگە رىغبەتلىنىشى كېرەك.
تېخىمۇ كۆپ (7)
سەھى مۇسلىم (4/ 2098) (2742).
بهجة الناظرين شرح رياض الصالحين.
لسليم الهلالي (1/ 146).
كنوز رياض الصالحين.
لمجموعة من الباحثين (2/ 173).
نزهة المتقين شرح رياض الصالحين.
لمجموعة من الباحثين (1/ 103).
كىتابلاردا نەقىل قىلىنغان
5 كىتابلارتېخىمۇ كۆپ (5)
- رياض الصالحينرياض الصالحين مع فوائد وهدايات - 1 «إنَّ الدُّنْيَا حُلْوَةٌ خَضِرَةٌ، وَإنَّ الله مُسْتَخْلِفُكُمْ فِيهَا، فَيَنْظُرُ كَيْفَ تَعْمَلُونَ، فَاتَّقُوا الدُّنْيَا وَاتَّقُوا النِّسَاء، فَإنَّ أوَّلَ فِتنَةِ بَنِي إسْرَائيلَ كَانَتْ في النِّسَاءِ».
- رياض الصالحينرياض الصالحين مع فوائد وهدايات - 3«إنَّ الدُّنْيَا حُلْوَةٌ خَضِرَةٌ، وَإنَّ اللهَ تَعالىٰ مُسْتَخْلِفُكُمْ فِيهَا، فَيَنْظُرُ كَيفَ تَعْمَلُونَ، فَاتَّقُوا الدُّنْيَا وَاتَّقُوا النِّسَاءَ».
- مجموعة زاد التربية الإسلامية (4)التربية الإسلامية 4«إِنَّ الدُّنْيا حُلْوَةٌ خَضِرَةٌ، وَإِنَّ الله مُسْتَخْلِفُكُمْ فيها، فَيَنْظُرُ كَيْفَ تَعْمَلُونَ، فاتَّقُوا الدُّنْيا، واتَّقُوا النِّساءَ، فَإِنَّ أَوَّلَ فِتْنَةِ بَنِي إِسْرائِيلَ كانَتْ في النِّساءِ».
- مجموعة زاد الحديث(2)1«إِنَّ الدُّنْيَا حُلْوَةٌ خَضِرَةٌ، وَإِنَّ الله مُسْتَخْلِفُكُمْ فِيهَا، فَيَنْظُرُ كَيْفَ تَعْمَلُونَ، فَاتَّقُوا الدُّنْيَا وَاتَّقُوا النِّسَاءَ، فَإِنَّ أَوَّلَ فِتْنَةِ بَنِي إِسْرَائِيلَ كَانَتْ فِي النِّسَاءِ»
- مجموعة زاد الحديث(2)1«فان أوَّلَ فتنةِ بني إسرائيل كانت في النساء»