«كىمكى بامدات نامىزىنى ئادا قىلسا ئاللاھنىڭ كېپىللىكىدە بولىدۇ
جۇندۇب بىن ئابدۇللاھ قەسرىي رەزىيەللاھۇ ئەنھۇ مۇنداق دەيدۇ: پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام مۇنداق دېگەن:
«كىمكى بامدات نامىزىنى ئادا قىلسا ئاللاھنىڭ كېپىللىكىدە بولىدۇ، ئاللاھ تائالا سىلەردىن ئۆزىنىڭ كېپىللىكىدىكى نەرسىنى تەلەپ قىلمايدۇ، كىمكى ئاللاھنىڭ كېپىللىكىدىكى نەرسىنى تەلەپ قىلىدىكەن، ئۇنى تاپىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن يۈزىچە جەھەننەمگە سۆرەپ تاشلىنىدۇ».
«مَنْ صَلَّى صَلَاةَ الصُّبْحِ فَهُوَ فِي ذِمَّةِ اللهِ، فَلَا يَطْلُبَنَّكُمُ اللهُ مِنْ ذِمَّتِهِ بِشَيْءٍ، فَإِنَّهُ مَنْ يَطْلُبْهُ مِنْ ذِمَّتِهِ بِشَيْءٍ يُدْرِكْهُ، ثُمَّ يَكُبَّهُ عَلَى وَجْهِهِ فِي نَارِ جَهَنَّمَ».
پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام بامدات نامىزىنى ئادا قىلغان كىشىنىڭ ئاللاھنىڭ مۇھاپىزەت قىلىشى، قوغدىشى ۋە ھىمايە قىلىشىدا بولىدىغانلىقى، ئۇ كىشىنى مۇداپىئە قىلىدىغانلىقى ۋە ياردەم بېرىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى. ئۇنىڭدىن كېيىن پەيغەمبەرئەلەيھىسسالام كىمكى بامدات نامازنى ئادا قىلماسلىق ياكى ناماز ئادا قىلغۇچىغا ھەددىدىن ئېشىش ۋە دۈشمەنلىك قىلىش بىلەن بۇ ۋەدىنى بۇزسا ياكى بىكار قىلىۋەتسە، ئۇنىڭ ئاقىۋېتىنىڭ يامان بولىدىغانلىقىنى بايان قىلىپ بەردى. كىمكى شۇنداق قىلىدىكەن، خوشنىدارچىلىقنى ئاياغ-ئاستى قىلغان بولدى، چەكتىن ئىشىپ ئاللاھنىڭ ھەققىدىكى بىر نەرسىنى تەلەپ قىلغانلىقى ئۈچۈن قاتتىق ئازابقا ھەقلىق بولدى، كىمكى ئۇنى تەلەپ قىلىدىكەن تاپىدۇ، ئۇنىڭدىن كېيىن يۈزىچە جەھەننەمگە تاشلىنىدۇ.
...:
بامدات نامىزىنىڭ ئەھمىيتى ۋە ئۇنىڭ پەزىلىتىنىڭ بايانى.
بامدات نامىزى ئادا قىلغان كىشىگە يامانلىق قىلىشتىن قاتتىق ئاگاھلاندۇرۇش.
ئاللاھ تائالا ئۆزىنىڭ سالىھ بەندىلىرىگە يامانلىق قىلغان كىشىلەردىن ئىنتىقام ئالىدۇ.
تېخىمۇ كۆپ (7)
سەھى مۇسلىم (1/ 454) (657).
المعجم الأوسط (4/ 5) (3464).
نزهة المتقين شرح رياض الصالحين (1/ 249).
شرح رياض الصالحين.
لابن عثيمين (2/ 561).
بهجة الناظرين شرح رياض الصالحين.
لسليم الهلالي (1/ 323).
كىتابلاردا نەقىل قىلىنغان
3 كىتابلارتېخىمۇ كۆپ (3)
- المنتقى من المتجر الرابح في ثواب العمل الصالح - المعتمدالمنتقى من المتجر الرابح في ثواب العمل الصالح“من صلى صلاة الصبح فهو في ذمة الله، فلا يطلبنكم الله من ذمته بشيء، فإنه من يطلبه من ذمته بشيء يدركه، ثم يكبه على وجهه في نار جهنم”.
- رياض الصالحينرياض الصالحين مع فوائد وهدايات - 2«مَنْ صَلَّىٰ صَلاَةَ الصُّبْح فَهُوَ فِي ذِمَّةِ الله، فَلا يَطْلُبـَنَّكُمُ اللهُ مِنْ ذِمَّتِهِ بِشَيءٍ، فَإِنَّهُ مَنْ يَطْلُبْهُ مِنْ ذِمَّتِهِ بِشَيْءٍ يُدْرِكْهُ، ثُمَّ يَكُبُّهُ عَلَىٰ وَجْهِهِ فِي نَارِ جَهَنَّمَ».
- رياض الصالحينرياض الصالحين مع فوائد وهدايات - 2«مَنْ صَلَّىٰ صَلاةَ الصبْح فَهُوَ في ذِمَّةِ الله، فَلا يَطلُبَنَّكُمْ الله مِنْ ذِمَّتِهِ بِشَيء، فَإنَّهُ مَنْ يَطلُبْهُ مِنْ ذِمَّتِهِ بِشَيءٍ يُدْرِكْهُ، ثُمَّ يَكُبَّهُ عَلَىٰ وَجْهِهِ في نَارِ جَهَنَّمَ».